ئەزىزۇپ قاسىم
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ئەزىزوپ قاسىم 1924 - يىل 8 - ئايدا ئاتۇشتا كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، دادىسىدىن كىچىك قالغاچقا، ئانىسى بىلەن بىللە دۆربىلجىنگە كېلىپ، شۇ يەردە ئوقۇپ، باشلانغۇچ مەلۇمات ئالغان، 40 - يىللاردا ئاۋۋال ئۈرۈمچى 9 - شۆبىسىدە ئوقۇغان، كېيىن ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان؛ 1946 - يىلى تۈرمىدىن چىقىپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ئارمىيىسىگە قاتناشقان ھەم ئوفىتسېر بولۇپ ئىشلىگەن. ئەزىزوپ قاسىم 1949 - يىل كېيىن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن، 1994 - يىلى 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئەزىزوپ قاسىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى 30 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن.
ئەزىزوپ قاسىمنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <مارشال ئىلھامى> (1984 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <قىلىچ> (1986 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.