تۇرسۇنجان لېتىپ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
دراماتورگ تۇرسۇنجان لېتىپ 1945 - يىل 11 - ئايدا ئۈرۈمچىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى يېزىدا تاماملاپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۈرۈمچىدە تۈگەتكەن، 1959 - يىلدىن 1982 - يىلغىچە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1982 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، <شىنجاڭ سەنئىتى> ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن، 1988 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئوپىرا ئۆمىكىگە ئالمىشىپ، ھازىرغىچە كەسپىي ئىجادىيەتچى بولۇپ ئوپىرا ئۆمىكىگە ئالمىشىپ، ھازىرغىچە كەسپىي ئىجادىيەتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. تۇرسۇنجان لېتىپ 1992 - يىلى قاراقىستان جۇمھۇرىيىتىگە دراماتورگىيە بويىچە بىلىم ئاشۇرۇشقا چىققان، 1994 - يىلى ئوقۇش تاماملاپ قايتىپ كەلگەن.
تۇرسۇنجان لېتىپ ئۆزىنىڭ ئەدەبىي پائالىيىتىنى 80 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغان <سېرىق قۇشقاچ بالىلىرى>، <مېنىڭ بىر ئىشىم> قاتارلىق ھېكايىلىرى بىلەن باشلىغان، كېيىنچە مەخسۇس دراما ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ <ئېزىتقۇ>، <توختاڭ توختىمەت>، <چىن مودەن>، <بىزگە ئىشىنەمسىز؟>، <قېرى يىگىتنىڭ تويى> قاتارلىق درامىلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان، بولۇپمۇ <بىزگە ئىشىنەمسىز؟>، <قېرى يىگىتنىڭ تويى> قاتارلىق درامىلىرى ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان درامىچىلىقىدا مۇھىم ئورۇننى تۇتىدىغان درامىلاردىن بولۇپ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇ، كېيىنكى يىللاردا <كۆپۈك>، <چاقىرىلمىغان مېھمان> قاتارلىق ئېتۇتلارنى يېزىپ، سەنئىتىمىزنىڭ كۈلدۈرگە ساھەسىنى راۋاجلاندۇرۇشقىمۇ مۇناسىپ ھەسسە قوشقان.
تۇرسۇنجان لېتىپنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئېزىتقۇ> (1991 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق درامىلار توپلىمى بار، بەزى ئەسەرلىرى <ئالتۇن بۆشۈك> قاتارلىق درامىلار توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن، بەزى ئەسەرلىرى مەملىكەت، ئاپتونوم رايون تىياتىرچىلىق مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن.
تۇرسۇنجان لېتىپ ھازىر شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ 1 - دەرىجىلىك كەسپىي ئىجادىيەتچىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.