مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
تارىخچى، شائىر مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگانى مىلادى 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، ماڭلايسۆيەر رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دوغلات قەبىلىسىدىن بولۇپ، مىلادىيە 1499 - يىلى موغۇلىستان خانلىقىغا قاراشلىق كەشتان رايونىنىڭ تاشكەنت شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. چۈنكى مىلادىيە 1493 - يىلى موغۇلىستان خانلىقىنىڭ خانى مۇھەممەدخان ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەد ھۈسەيىن دوغلاتىنى بۇ جاينىڭ باش ۋالىيسى قىلىپ تەيىنلەنگەن. ئۇنىڭ ئانىسى بولسا موغۇلىستان خانى يۇنۇسخاننىڭ قىزى خۇپىنگار خانىم بولۇپ، ئۇ بابۇرىلار خانلىقىنىڭ تۇنجى پادىشاھى زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ ئانىسى قۇتلۇق نىگار خانىمنىڭ سىڭلىسى ئىدى.
مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ دادىسى شەيبانىخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن 1508 - يىلى ھىراتتا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مىرزا ھەيدەر ئانىسى بىلەن بۇخاراغا قېچىپ كەلگەن. لېكىن، بۇ يەرمۇ بىخەتەر بولمىغانلىقى ئۈچۈن بەدەخشاننىڭ زەفەر قەلئەسىگە كەتكەن. 1509 - يىلى ئۇ بابۇر تەرىپىدىن كابۇلغا چاقىرىۋېلىنغان.
مىرزا ھەيدەر ئۆز ھەمراھلىرى بىلەن بەدەخشان ۋە قوقەنتتە ئۈچ يىل تۇرۇپ، 1537 - يىلى ھىندىستاندا ھاكىمىيەت يۈگۈزۈۋاتقان بابۇرنىڭ ئوغلى ھۇمايۇننىڭ قېشىغا، ئاندىن لاھوردىكى ھۇمايۇننىڭ ئىنىسى كامىران مىرزىنىڭ قېشىغا بارىدۇ. مىرزا ھەيدەر كامىران مىرزا ئۇنىڭغا بەرگەن قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ ئافغان ئىسيانچىلىرىنى باستۇرىدۇ. 1539 - يىلى مىرزا ھەيدەر ھۇمايۇننىڭ قېشىغا قايتا كېلىدۇ ۋە 1540 - يىلى ھۇمايۇننىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە قورچاق نازۇك شاھ نامىدا كەشمىرنى ئون يىل باشقۇرىدۇ. 1551 - يىلى رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز قوشۇنلىرى ئارىسىدىكى تاغلىق ئىسيانچىلارنىڭ بىرى ئاتقا ئوقيا بىلەن قازا تاپىدۇ.
مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كەشمىردە تۇرغان مەزگىلدە ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى _ «تارىخى رەشىدى» نى يېزىپ چىققان. ئىككى قىسىملىق بۇ ئەسەرنىڭ بىرىنچى قىسمى 1544 - 1547 - يىللىرى، ئىككىنچى قىسمى 1541 - 1544 - يىللىرى، ئىككىنچى قىسمى 1541 - 1544 - يىللىرى يېزىپ تاللانغان.
«تارىخى رەشىدى» نىڭ 1 - قىسمى پېشقەدەملەر سۆزلەپ بەرگەن رىۋايەتلەر ئاساسىدا يېزىلغان. 2 - قىسمى تارىخىي ۋەقەلەر توغرىسدىكى ئومۇمىي بايان (ئاپتور بۇ قىسمىنى «مۇقتەسەر» دەپ ئاتىغان) بولۇپ، ئۇ مەزمۇن جەھەتتە 1 - قىسىمدىن بىر ھەسسە كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەلىشىر نەۋائى ھەققىدىكى ئۇچۇر بەكمۇ قىممەتلىك بولۇپ، مىرزا ھەيدەر ئەلىشىر نەۋائى ھەققىدە: «ئەسلى بەيئەز بەخشىيانى ئۇيغۇر ئەست. پەدەرى ئۇرا كىچىككىنە بەخشى مىگۇفتەند، مەردى بۇد ئەلئەر رەسىم» (مەنىسى: «ئۇنىڭ ئەسلى زاتى ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئاتىسىنى كىچىك باخشى دەپ ئاتايتتى، ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئىدى») دەپ يازغانىدى.
«تارىخى رەشىدى» پارس تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى قول يازما نۇسخىسى يوقالغان. دېنسون روسې تەرىپىدىن تېپلغان، مىلادىيە 1732 - يىلىدىن بۇرۇن كۆچۈرۈلگەن پارس تىلىدىكى نۇسخا ئاساسىدا ئىشلەنگەن ئېنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى 1895 - 1898 - يىللىرى تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغان.
بارتولد تەرىپىدىن ئېيتىلغان «تارىخى رەشىدى» نىڭ باشقا ئىككى پارچە ئۇيۇر تىلىدىكى تۇلۇق ۋە ئىشەنچلىك تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ بىرى مۇھەممەد سادىق قەشقەرى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخا؛ يەنە بىرى، ھىجرىيىنىڭ 1263 - يىلى جامادىئول ئاخىرنىڭ 22 - كۈنى (مىلادىيە 1845 - يىل 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى) خوتەندە نامەلۇم بىر تەرجىمان تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىدۇر.
1978 - يىلى ئىستانبولدا نەشىر قىلىنغان «ئىسلام ئىنسكلوپىدىيىسى» دا (5 - توم، 1 - قىسىم، 388 - بەت) مىرزا ھەيدەرنىڭ چاغاتاي تىلىدا يازغان 125 بەتلىك «جاھاننامە» انملىق ئەسىرىنىڭ بارلىقى، ئەسەرنىڭ تېمىسى، يېزىلغان ۋاقتى، ئورنى ھەمدە ئەسەرنىڭ پروسىيە دۆلەت كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەنىدى.
1982 - يىلى شىنجاڭدىن «جاھاننامە» نىڭ يەنە بىر قول يازما نۇسخىسىنىڭ تېپىلىشى ۋە ئۇنىڭ نەشىرگە تەييارلىنىپ ئېلان قىلىنىشى بىلەن داستان ۋە ئۇنىڭ ئاپتورى ھەققىدە ئىچكىرىلەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى.
خۇددى «ئىسلام ئېنسكلوپىدىيىسى» دە ئېيتىلغىنىدەك، «جاھاننامە» داستانىنىڭ خاتىمىسى مىلادىيە 1533 - يىلى 11 - ئايدا (ئەسەردە «رەجەپ ئاي فەرخۇندە تارىخىدا» دېيىلگەن) يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەسەرنىڭ ئۆزى مىرزا ھەيدەر ھىجرىيە 936 - يىلى مۇھەررەم ئېيىدا (مىلادىيە 1520 - يىلى 9 - ئايدا) سۇلتان سەئىدخان بىلەن بىرگە بەدەخشانغا يۈرۈش قىلىپ، بەدەخشاننىڭ مەلۇم يېرىدە قىشلىغان مەزگىلىدە يېزىلغان.
مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگاننىڭ «جاھاننامە» داستانى ئۇيغۇر كلاسسىك داستان تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم ئالاھىدە تەرەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، داستانچىلىق تەرەققىياتىمىزدا مۇھىم رول ئوينىغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇ يەكەن خانلىقى دەۋرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ ئەدەبىي مىراسلار ئىچىدىكى ئالاھىدە ئورنى ۋە قىممىتى بىلەنمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇھىم رول تۇتىدۇ.