UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمۇھەممەتجان سادىق

مۇھەممەتجان سادىق

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى مۇھەممەتجان سادىق 1934 - يىل 8 - ئايدا غۇلجا شەھىرىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1941 - يىلدىن 1948 - يىلغىچە غۇلجا شەھەرلىك <روشەن> باشلانغۇچ مەكتىپىدە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىنىڭ تولۇقسىز سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 1952 - يىلى شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1954 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن، قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1979 - يىلى ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا يۆتكىلىپ ئوقۇتقۇچى، ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، قوشۇمچە ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە. مۇھەممەتجان سادىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1952 - يىلى <ئىلى گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <1 - ماي> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزىگە خاس شېئىرىي ئۇسلۇب يارىتىپ، ھازىرغىچە مىڭ پارچىدىن كۆپرەك شېئىر، نەچچە ئون داستان - باللادا، شېئىرىي رومان يېزىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. مۇھەممەتجان سادىقنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، چەت ئەللەردە نەشر قىلىنغان. مۇھەممەتجان سادىق شېئىرىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماستىن، بەلكى ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <ئىپوس ۋە ئۇغۇزنامە>، <دىن ۋە ئەدەبىيات>، <قۇتادغۇبىلىك> تە بايان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئىپادىلىرى> قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنى ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەزەرىيىسى ھەققىدە مەخسۇس كىتاب يېزىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان، خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوقۇلغان. مۇھەممەتجان سادىقنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <قىلىن قاردىكى ناخشا> (1978 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق داستانلار توپلىمى، <ئىلى پەرزەنتلىرى> (1984 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرىي رومانى، <ۋاپا ۋە مەردلىك> (1986 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق داستان - باللادىلار توپلىمى، <قىزىل يۇلغۇن> (1987 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق داستان - باللادىلار توپلىمى، <تۇلپارغا مىنگەن پالۋان> (1989 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق داستانلار توپلىمى، <ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە> (1995 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ئىلمىي ئەسىرى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ بىر مۇنچە شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. مۇھەممەتجان سادىق ھازىر پروفېسسور، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە <قۇتادغۇبىلىك> ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى