ئابدۇللا مەتقۇربان
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەدەبىي ئوبزورچى ئابدۇللا مەتقۇربان 1959 - يىل 8 - ئايدا خوتەن چىرىيە ناھىيسىنىڭ چىرىيە يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1967 - يىلدىن 1977 - يىلغىچە ئۆز يۇرتىدا باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇپ، 1977 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1983 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئابدۇللا مەتقۇربان ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ساھەسىگە 1980 - يىلدىن تارتىپ كىرىپ كەلگەن، ئۇ ھازىرغىچە <ئەدەبىياتىمىزدىكى بىر يېڭىلىق>، <تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ لىرىك شېئىرلىرى توغرىسىدا>، <ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ پوئىزىيە ئىجادىيىتى ۋە ئۇنىڭ >قارا ۋە ئاق< داستانى توغرىسىدا>، <بەدىئىي ئەسەر چىنلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنىشى كېرەك>، <ئەدەبىي ئوبزۇرچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا> قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان.
ئابدۇللا مەتقۇرباننىڭ <زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇھاكىمىلەر> ناملىق ئەدەبىي ئوبزور - ماقالىلەر توپلىمى 1994 - يىل 8 - ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
ئابدۇللا مەتقۇربان ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.