مۇھەممەت زۇنۇن
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى مۇھەممەت زۇنۇن 1937 - يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1948 - يىلدىن 1952 - يىلغىچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان، 1954 - يىلغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ، شۇ يىلى بيېجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئۇقۇشقا ئەۋەتىلگەن، 1958 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. مۇھەممەت زۇنۇن 1979 - يىلدىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق نازارىتىنىڭ نازىرى قاتارلىق ۋەزىپلەرنى ئۆتىەن.
مۇھەممەت زۇنۇننىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىك، ئەدەبىيات تەتقىقاتى پائالىيىتى 1958 - يىلى باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ تەنقىدچىلىك ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، بولۇپمۇ 80 - يىللاردىن تارتىپ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلەپ كەلدى. ئۇنىڭ <شېئىرىي ئوبراز توغرىسىدا>، <يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ باشلىنىشى توغرىسىدا>، <ئەدەبىيات - سەنئەت بىلەنب سىياسىينىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە>، <كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسىلىسى - ھازىرمۇ تۈپ - ئاساسىي مەسىلە>، <ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ چىنلىقى ۋە خاھىشچانلىقى توغرىسىدا>، <ئوبرازلىق تەپەككۇر توغرىسىدا>، <ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ شەكلى توغرىسىدا>، <خەلق ناخشىلىرى توغرىسىدا> قاتارلىق تەتقىقات ماقالىلىرى؛ <ئەدەبىي ئىجادىيەتتە رېئال تۇرمۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرەيلى>، <ئەدەبىي تەنقىدتە خۇش پۇراق گۈللەرنى پەرۋىش قىلىشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇش كېرەك>، <>چىنىقىش< ھېكايىسىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا> قاتارلىق ئوبزور - ئەدەبىي ماقالىلىرى خېلى تەسىرگە ئىگە.
مۇھەممەت زۇنۇننىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئىجادىي ئەسەرلىرىدىن <ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىرى> (ئابدۇكېرىم راخمان بىلەن بىللە، 1983 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ئىلمىي ئەسىرى، <ئىزدىنىش> (قاۋسىلقان قامىجان بىلەن بىللە، 1984 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ئىلمىي - ئەدەبىي ماقالىلەر توپلىمى، <ئوبراز، ئۇسلۇب، خاراكتېر> (1986 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ئەدەبىي ئوبزور - ماقالىلەر توپلىمى، <ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخى> (1986 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ئىلمىي ئەسىرى قاتارلىقلار بار.
مۇھەممەت زۇنۇن ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى پەنلىرىنىڭ پروفېسسورى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى.