غېنى باتۇر
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
غېنى باتۇر دادىسى مەھەممەت باقىر ئاكىنىڭ ئاتا - بوۋىسى ئەسلىدە خوتەن قارىقاشلىق، ئۇنىڭ ئىككىنچى بوۋىسى ئىمىننىياز مىراب چىڭ سۇلالىسى 1760 - يىلدىن 1767 - يىلغىچە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچتۇرپان، خوتەن، يەكەن قاتارلىق جايلىرىدىن ئىلىغا ئۆز ئېلىش خاراكتېرلىك ئادەم كۆچۈرگەندە كۆچۈپ كەلگەنلەردىن بولۇپ، ھازىرقى غۇلجا ناھىيە قاش يېزىسىنىڭ تۇرىيۈزى مەھەللىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. غېنى ئەشۇ تۇردىيۈزى مەھەللىسىدە، كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ.
غېنى مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە دادىسى ئۇنى مەكتەپكە بېرىدۇ. لېكىن، ئۇ ئوقۇيالماي مەكتەپتىن چىقىپ كېتىدۇ ۋە ئون ياشلارغا كىرگەندە، مەھەللىسىنىڭ قويلىرىنى باقىدۇ. 15 ياشقا كىرگەندە دادىسى بىلەن دېھقانچىلىق قىلىدۇ. غېنى كىچىكىدىنلا ئىشچان ۋە كۈچلۈك، غەيرەتلىك بالا بولۇپ، بالا ۋاقتىدا چېلىشىشتا داڭ چىقىرىدۇ. غېنى ئېگىز بوي، گەۋدىلىك، يوغان باش، كەڭ ۋە سوزۇق يۈز قىپقىزىل، قوي كۆز، كەم سۆز ئادەم بولۇپ يېتىلىدۇ.
1918 - يىلى كەچ كۈزدە مەھەممەت باقىر ئاكا ئەتىگەنلىك چايدىن كېيىن خامانغا ماڭاي دەپ تۇرغاندا، ھويلىدا ۋاراڭ - چۇرۇڭ بولىدۇ. مەھەممەت ئاكا ھويلىغا چىقىش بىلەن <غېنى قايسىڭ؟> دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. غېنى مەن دەپ ئالدىغا چىقىدۇ. غېنىنى چاقىرغان چېرىك بولۇپ، چېرىك غېنىنى باغلىماقچى بولىدۇ. غېنى باغلاتماي <ئېلىپ بارىدىغان يېرىڭگە ئېلىپ بار، ئەمما باغلىمايسەن> دەيدۇ. غېنىنىڭ ئاتا - ئانىسى چېرىكلەرگە يالۋۇرىدۇ. غېنى <مەن گۇناھسىز، بۇلارغا يالۋۇماڭلار، مەن قايتىپ كېلىمەن> دەيدۇ. غېنى ئون ئاي توققۇز تارا يامۇلىغا قامىلىدۇ. بۇ 10 ئايلىق تۈرمىدە كۆرمىگەننى كۆرىدۇ، بىلمىگەننى بىلىپ، ياشاش يولىنى ئۆگىنىدۇ ھەم كۆپ كىشىلەر بىلەن تونۇشىدۇ.
غېنى تۈرمىدىن چىقىپ كۆپ ئۆتمەي بىر كۈنى توققۇز تارادا باتۇرلۇق ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان ئاتلىق بىر قازاق يىگىتكە <مۇشۇ ئالا ئېتىڭنى ئاشۇ قارا ياغاچ تۈۋىگە كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ كەلسەم نېمە دەيسەن؟> دەپ 150 مېتىر ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. قازاق يىگىت<ئەگەر دېگىنىڭدەك قىلساڭ، ئاتنى ساڭا بەردىم، قىلالمىساڭ تورۇق ئېتىڭنى ماڭا بېرىسەن> دەپ غېنىغا قول ئۇزىتىدۇ. غېنى بارغان پېتى ئاتنى يەلكىسىگە ئېلىپ ماڭىدۇ. قىيقاس كۆتۈرۈلىدۇ. غېنى ئاتنى كۆتۈرۈپ قارا ياغاچتىن 100 مېتىر نېرى يەرگە بېرىپ، قايتۇرۇپ كېلىدۇ. خەلق ھەيران قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن غېنىنىڭ گاڭگۇڭ (نوچى) دېگەن نامى ئىلى رايونىغا تارىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن زۇلۇمغا، جازانىخور بايلار، ئەمەلدارلارنى تىللايدۇ، مەسخىرە قىلىدۇ، ئېپى كەلسە ئۇلارنىڭ مال - مۈلكىنى ئوغرىلاپ، يېتىم - يېسىرلارغا بېرىدۇ. شۇڭا، غېنى 1944 - يلىغىچە كۆپ قېتىم تۈرمىگە قامىلىدۇ. ساقچى باشلىقى غېنىنى بىر قېتىم ئالتە ئادەمگە باستۇرپ ئۇردۇرىدۇ، بىر قانچە قېتىم 100 - 200، ھەتتا 300 دىن تاياق ئۇرىدۇ.
غېنى 1941 - يىلى توققۇز تارا يامۇلىدىن نۇراخۇن دېگەن دوستى بىلەن قېچىپ چىقىدۇ. ئۇلار شۇ قاچقان پېتى شىخۇنىڭ جۇجيەنلۇ دېگەن يېرىگە بېرىپ، داۋۇر، ھاشىم توكۇر دېگەن كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ بىر ئۆيگە كىرىپ، تۆت يامبۇ، بەش سەر ئالتۇن ئوغرىلاپ چىقىدۇ ۋە ئۈرۈمچىگە بېرىپ بۆلۈشىمىز، دەپ ماڭىدۇ. زاڭ مالنى ھاشىم توكۇر، داۋۇرلار ئېلىپ ماڭىدۇ. ئۇ ئىككىسى ئالتۇنلارنى ئېلىپ ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ، نۇراخۇن بىلەن غېنىنى تۇتۇپ بېرىدۇ. ھاشىم توكۇر بىلەن داۋۇرلار كۆرسەتكەن بۇ خىزمىتى ئۈچۈن توققۇز تارادا لوزۇڭ مەنسىپىگە ئېرىشىدۇ.
نۇراخۇن بىلەن غېنى 12 كۈندىن كېيىن تۈرمىدىن قېچىپ ئاتلىق يەنسىخەيگە كېلىپ، بىر قازاق ئۆيىدە تۇرغاندا، قوغلاپ كەلگەن چېرىكلەرگە ئۇچرايدۇ. غېنى ئۇلارنى ئۇرۇپ يىقىتىۋېتىپ قاچىدۇ. شۇ چاغدا چېرىكلەرنىڭ ئاتقان بىر ئوقى غېنىنىڭ يانپىشىغا تېگىپ، ماڭالماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن غېنى تۇتۇلۇپ، ساۋەنگە ئەۋەتىلىدۇ. ساۋەندە توققۇز كۈن قاماقتا ياتقاندىن كېيىن چېرىكلەرنىڭ ئىككى ئېتىنى ئېلىپ قېچىپ، نۇراخۇن بىلەن تېپىشىپ، بىر مۇڭغۇل تونۇشىنىڭ ئۆيىدە قونىدۇ. كېيىن، ئۇلار ھاشىم توكۇر بىلەن داۋۇردىن ئۆچ ئالماق ئۈچۈن توققۇز تاراغا بارىدۇ. غېنى توققۇزتارادا تۇتۇلۇپ، ناھىيە تۈرمىسىگە قامىلىدۇ. غېنىنى غۇلجا ساقچى ئىدارىسىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا دەرياغا ئۆزىنى تاشلاپ قاچىدۇ. ئەتىسى غۇلجىغا كىرىپ، سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىدۇ. غېنىنى غۇلجىدا 32 كۈن سوراقسىز قاماپ، <سەن بەش يىلدىن بۇيان ئون سەر ئالتۇن، 20 يامبۇ ئوغىرلاپسەن> دەپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىدۇ، ئۈرۈمچىدە شېڭ شىسەينىڭ ساقچى باشقارمىسىنىڭ 4 - تۈرمىسىگە قاماپ قويىدۇ، كېيىن 2 - تۈرمىگە يۆتكەيدۇ. غېنى 1944 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، يەنى دۈشەنبە كۈنى 2 - تۈرمە(ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئورنىدا ئىدى) دىن قېچىپ، غۇلجىغا بېرىپ ھاشىم توكۇر، داۋرۇرلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئىزدەيدۇ. ئۇلار يوشۇرۇنۇپ قېچىپ يۈرىدۇ. غېنى ئىز بېسىپ ئۇلارنى قوغلايدۇ.
شۇ كۈنلەردە، نىلقا ئولاستايدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان، گومىنداڭ ئالتە ئوغرى دەپ ئاتىغان پاتىخ مۇسلۇمۇپ، ئەكبەر باتۇر، قۇربان بۇرھانىدوف، ئوسما ئىبرايىموف، سېيىت ئاۋان(ئەكبەرنىڭ ئىنىسى)، نۇرئوبۇلۇپ، ھوشۇر مامىتوف، مۇساقان قۇربان، خەمىت مۇسلىموف، رەپىق بايچۇرىن قاتارلىق پارتىزانلار گۇرۇپپىسى غېنى باتۇر ئۈرۈمچىدە تۈرمىدىن قاچقاندىن كېيىن نىلقا ئەتراپىدا يۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ئىزدەپ تاپىدۇ - دە، غېنى پارتىزانلارغا قوشۇلىدۇ. پارتىزانلىق شىتابى قۇرۇلغاندا، پارتىزانلارنى ئۈچكە بۆلۈپ، 1 - بۆلۈمگە ئەكبەر، 2 - بۆلۈمگە غېنى، 3 - بۆلۈمگە تۈگمەنچى رۇس ئىۋان بولۇپ، نىلقىغا يۈرۈش قىلىدۇ ۋە پارتىزانلار نىلقىغا باستۇرۇپ كېلىپ نىلقىنى ئازاد قىلىدۇ.
غېنى شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قايسى ئۇرۇشلاردا باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن غېنى باتۇر دەپ ئاتىلىدۇ. پارتىزانلار گومىنداڭنىڭ غۇلجا تەرەپتىن ئون ماشىنىدا كەلگەن ئەسكەرلىرىنى توسۇپ زەربە بېرىپ، مازار رايونىغا كىرمەي يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ قورال - ياراغلىرىنى غەنىيمەت ئالىدۇ. سۇلتان ئوۋەيس مازىرىغا يوشۇرۇن كىرىپ، ساقچى ئىدارىسىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ. ھەر مىللەت خەلقىدىن قامالغان 30 نەچچە كىشىنى قۇتۇلدۇرىدۇ. قورال - ياراغ غەنىيمەت ئالىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ گومىنداڭ كېچىسى ئوخلىيالمايدۇ. غېنى قاراسۇ، سوپىتاي، مازار رايونىدىكى ئۇرۇشتا ئاتلىق ئىككى قولىدا ئىككى ماۋزور بىلەن يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوققا قارىماي دۈشمەن سېپىنى يېرىپ ئۆتىدۇ. دۈشمەن توپىغا ئاتلىق بېسىپ كىرىپ، دۈشمەن قولىدىكى قورالنى تارتىپ ئېلىپ چىقىدۇ. غېنىنىڭ مۇنداق باتۇرلىقى خەلق ئىچىدە ھەر خىل ئەپسانىلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. غېنى ئارىشاڭدىكى ئۇرۇشتا ئېغىر يارىلىنىپ ئالمۇتادا داۋالىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پولكوۋنىك ئۇنۋانى بىلەن ھەربىي سوت باشلىقى بولىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن ئۆلكىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. كېيىن پاتىخ باتۇر بىلەن بىللە لەنجۇدا 1953 - يىلىغىچە دەم ئالىدۇ. 1953 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرى قايتىپ كېلىپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭەش ئەزاسى بولىدۇ. 1954 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا غۇلجىغا كېتىدۇ ۋە 1956 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىدۇ. ئۇ 1990 - يىللاردا ئالمۇتادا ۋاپات بولىدۇ.