UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىشەرىپىدىن ئۆمەر

شەرىپىدىن ئۆمەر

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى شەرىپىدىن ئۆمەر 1932 - يىلى غۇلجا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا ئوقۇپ تاماملىغان، 1951 - يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ 1953 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئۆز مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان، 1956 - يىلدىن 1958 - يىلغىچە تاشكەنتتىكى دۆلەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە پەنلىرى ئاسپىرانتورىيىسىدە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى ۋە ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. شەرىپىدىن ئۆمەرنىڭ ئەدەبىيات تەتقىقاتى پائالىيىتى 1955 - يىلى ئېلان قىلىنغان <ئەدەبىياتتىكى تىپىكلىك مەسىلىسى> ناملىق ماقالىسى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن تارتىپ، بولۇپمۇ 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ <ئوبرازلىق تەپەككۇر توغرىسىدا>، <موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى>، <ئۇلۇغ شائىر ئەلىشىر ناۋائىي>، <>قۇتادغۇبىلىك< نىڭ بەدىئىي مېتودى> قاتارلىقلارنى ھەم <ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخدىن ئوچېركلار>، <ئۇيغۇرلاردا كلاسسىك ئەدەبىيات> قاتارلىق كىتابلارنى يازغان. شەرىپىدىن ئۆمەرنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېركلار> (1 - قىسمى 1982 - يىل، 2 - قىسمى 1987 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق مەخسۇس ئەسىرى، <كاككۇك يەنە سايرىدى> (1984 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ بەزى ماقالىلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن، بەزى ئەسەرلىرى، ماقالىلىرى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇكاپاتلانغان. شەرىپىدىن ئۆمەر ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسورى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ <قۇتادغۇبىلىك> ئىلمىي تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەەبىياتى ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو يېزىقچىلىق جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شەرىپىدىن ئۆمەر | UyghurWiki | UyghurWiki