ئەركىن نۇر
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
نەسرچى ۋە ژۇرنالىست ئەركىن نۇر 1965 - يىل 5 - ئايدا كۇچا (ناھىيسىنىڭ خانىقاتام يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا تاماملاپ، 1981 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1986 - يىل 7 - ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن <تەڭرىتاغ> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
ئەركىن نۇر ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1984 - يىلى <ئىلى دەرياسى> ناملىق ئەدەبىي ئوبزۇرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ، ئەدەبىياتنىڭ كۆپ ساھەلىرىدە قەلەم تەۋرىتىپ <>ئىزدىنىش< رومانىنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا> قاتارلىق ئوبزۇرلارنى، <يىراق ۋە يېقىن>، <ھۇۋلاپ تۇرار مەندە بىر دېڭىز> قاتارلىق شېئىرلارنى؛ <يىلتىز>، <سەمەندەر>، <شەكىلسىز ئايال> قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەدەبىي ئاخبارات - ھېكايىلارنى؛ <كۆلەڭگە>، <كۆيگەن ياشلىق> قا ئوخشاش نەسرلەرنى يازغان.
ئەركىن نۇر يەنە ئەدەبىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى داڭلىق يازغۇچى - شائىرلارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بەزى ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان.
ئەركىن نۇر ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.