UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىپاسار بەگ

پاسار بەگ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى پاسار بەگ قەيەلىك، قاچان تۇغۇلغان؟... دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئېنىقلاش ئىمكانىيىتى بولمىدى، لېكىن 1936 - يىلىدىن 1950 - يىلىغىچە يەركەندە ئۇيغۇر ئۇيۇشما رەئىسى، 1950 - يىلى يەركەنگە ھاكىم بولغان ھاجى ئادۇرېشىت يۈسۈپنىڭ پاسار بەگ ھەققىدە ئەستە قالدۇرغانلرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى بىلدۇق: 1945 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرى يەركەن ساقچى ئىدارىسىدا پاسار بەگ دېگەن ئادەم پەيدا بولىدۇ. ساقچى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىشى ئۈرۈمچىدىن گۇناھكار ھېسابىدا ئەۋەتىلگەنىكەن. ئۇ كېلىپ يېرىم يىلدىن كېيىن يەركەن ساقچى ئىدارىسىغا جاڭ فامىلىك بىر كىشى باشلىق بولۇپ كېلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پاسار بەگ بازارلارغا چىقىدىغان بولىدۇ. ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ساقچىدا بۆلۈم باشلىقى، كېيىن ۋالىي مەھكىمە خەلق ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پاسار بەگ دەپ نامى چىقىدۇ. 1947 - يىل ئاخىرلىرى ئۈرۈچىدىن يەركەنگە ۋالىي سايلاش ھەيئىتى كېلىدۇ. ۋە سايلام ئارقىلىق ۋالىي جۇفاڭگاڭ قالدۇرۇلۇپ، پاسار بەگ ۋلىي قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. پاسار بەگ 1950 - يىلى قولغا ئېلىنىپ يەركەندە تۈرمىگە قامالغان مەزگىلدە، ئۆزى توغرىسىدا تۆۋەندىكىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ. پاسار بەگ، ئۇيغۇر، بالا ۋاقتىدا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان كېيىن خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇپ، 1 - دەرىجىلىك ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۈۋاھنامىسىغا ئېرىشىپ، خوتەندە ساقچى ئىدارىسىغا باشلىق بولىدۇ. كېيىن ياڭ زېڭشىن دەۋرىدە ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سىياسىي قانۇن مەكتىپى پۈتتۈرىدۇ ۋە ئىشپىيونلۇق تەشكىلاتىنىڭ يەركەندە تۇرۇشلۇق مەسئۇلى بولىدۇ. جىڭ شۇرىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان نۇربەگ، قەشقەر كونا شەھەردىن ياقۇپ لوشى، پەيزىۋاتتىن ئابدۇراخمان بەگ قاتارلىق 50 دەك كىشىنى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىدۇ. 50 كىشى جاڭجۈن يامۇلى ئىچىدە ئولتۇراقلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى دوما دەپ ئاتايدۇ. جاڭجۈم يامۇلى ئۇلارغا يۇقىرى مۇئاش بېرىدۇ. بۇ بەگلەر ئالغان ئايلىقىغا ئەپيۇن چېكىپ بىكار يۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تامغا ئويدۇرۇپ بەگەن بولۇپ، ئۆزلىرى مەجلىسگە قاتناشمايدۇ يۇ، مەجلىسىدە قىلىنغان قارارلارغا تامغىلىرىنى باسىدۇ. غەللە - پاراق يىغىدىغان ۋاقىتا بۇ بەگلەر ھەرقايسى ناھىيە، ۋىلايەتلەرگە ئەۋەتىلىدۇ. بىر يىل پاسار بەگنى يەركەنگە ئەۋەتىدۇ. پاسار بەگ يەركەن مانجۇ كۆل بېشىدىكى ئىمىن بەگنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ. ئامبال ئۇنىڭغا ھەركۈنى بەش سەر كۈمۈش ئەۋەتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئەيىش - ئىشرەتلىك تۇرمۇشتا ياشايدۇ. ھەپتىدە بىر قېتىم غەللە - پاراق ئالغان جايغا بېرىپ، ئايلىنىپ كېلىدۇ. شۇ كۈنلەردە ئۇ ئامبالنىڭ قىلمىشىلىرىغا نارازى بولۇپ يۇقىرىغا خەت يازىدۇ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنى ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇ ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇلۇپ كېتىپ 3 - يىلى ھۆكۈمەت ئۇنى يەنە يەركەنگە ئەۋەتىدۇ. بۇ قېتىم ئۇ قايتىش ۋاقتىدا ئامبال بىر خاڭدەن تاۋاردا تىكىلگەن تەكىيىتى تۆت كىشىگە زەمبىلدە كۆتەرتىپ، پاشار بەگ تۇرغان جايغا ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئولتۇرمايلا «بۇ مېنڭ ئايالىمنىڭ سىزگە ئاتاپ تىكىپ قويغان تەكىيى ئىكەن قوبۇل قىلغايسىز» دەپ چىقىپ كېتىدۇ. پاسار بەگ قارىسا تەكيىگە 20 مىڭ سەر كۈمۈش نوكچىلاپ سېلىپ قويۇلغانىكەن. ئۇ ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن، ئون مىڭ سەر كۈمۈشنى ھەر قايسى ئەمەلدارلارغا سوۋغا قىلىدۇ، بەگلەرنى مېھمان قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەت ئۇنى ھەر يىلى يەركەنگە ئەۋەتىدىغان بولىدۇ. جىن شۇرېن ئاغدۇرۇلۇپ، شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان دەسلەپكى يىللاردا پاسار بەگ تەرجىمانلىق قىلىدۇ. كېيىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىغا باشلىق قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. بىر يىل بولغاندا، ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ قولغا ئېلىنىدۇ. بىر يىل بولغاندا، ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ قولغا ئېلىنىدۇ. كېيىن گۇناھكار تەرىقىسىدە يەركەنگە ئەۋەتىلىدۇ. شۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە بىللە بولغان ۋە پاسار بەگنى ساقچى ئىدارىسىغا بۆلۈم باشلىقى قىلىدۇ. كېيىن ئاستا - ئاستا ۋالىي بولىدۇ. پاسار بەگكە 1951 - يىلى 3 - 18 - كۈنى ئىشپىيونلۇق جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىلدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى