جاپپار قاسىم
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى ۋە دراماتورگ جاپپار قاسىم 1949 - يىل 10 - ئايدا غۇلجا ناھىيسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا ئوقۇپ تاماملىغان، 1971 - يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1976 - يىلى ئوقۇشىنى تاماملاپ، بىر مەزگىل ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، 1982 - يىلدىن 1986 - يىلغىچە مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانىسسىدا مۇھەررىر ۋە تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن، 1986 - يىلى يەنە غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، ئىلى ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىلى ۋىلايەتلىك ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى بولغان.
جاپپار قاسىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1974 - يىلى شېئىر بىلەن باشلانغان. ئۇ، ھازىرغىچە كۆپلىگەن شېئىرلارنى يازغان. جاپپار قاسىم ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <ھازازۇل> قاتارلىق ھېكايىلارنى ئېلان قىلغان. ئۇ، نىسبەتەن چوڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن ساھە درامىچىلىق بولۇپ، 1979 - يىلدىن تارتىپ دراما ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <مايىمخان>، <ئالمىزارلىقتىكى ئىتتىپاقلىق>، <ۋىجدان سوتى ئالدىدا>، <مىراس ماجراسى> قاتارلىق درامىلارنى يازغان.
جاپپار قاسىمنىڭ <غايىپ بولغان يازغۇچى> ناملىق ھېكايىلار توپلىمى 1996 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
جاپپار قاسىم ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت دراماتورگلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.