ئابلىز مۇھەممىدى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابلىز مۇھەممىدى قورغاس ناھىيىسىدىن بولۇپ، بىر ئاددىي خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ياش ۋاقتىدىلا جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىگە قاتنىشىپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان. مەخپىي ھەرىكەتلەر بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان. جاھانگىرلىككە، فېئودالىزىمغا قارشى ئىدىيىلەرنى تەشۋىق قىلغان، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كۈرىشىگە قاتناشقان. ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئۈچ قېتىم قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان. دۈشمەننىڭ قاتتىق قىيىن - قىستاق، دەھشەتلىك زۇلۇملىرى ئالدىدا تېز پۈكمەي كۈرەش قىلىپ، بىر مۇنەۋۋەر ئىنقىلابىي ياشنىڭ يۈكسەك پەزىلىتىنى نامايەن قىلغان. شىنجاڭ ئازاد بولۇش ھارپىسىدا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قارشى ئالغان ھەمدە شىنجاڭنى تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان.
دۆلىتىمىز ئازاد بولغاندىن كېيىن، ئۇ شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ نازىرى، جامائەت خەۋپسىزلىك باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە ئۈرۈمچى گارنىزونىنىڭ قوماندانى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە پارتىيە گورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك 1 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خوتەن مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش كاتىپى، مۇئاۋىن رەئىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
ئابلىز مۇھەممىدى 1988 - يىلى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۈرۈمچىدە 67 يېشىدا ۋاپات بولدى.