ئەزەمخان تۆرە
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەزەمخان تۆرە 1897 - يىلى مەرغىلاندا سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ، دەسلەپ دىنىي مەكتەپتە، كېيىن پەننىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ، دەسلەپ دىنىي مەكتەپتە، كېيىن پەننىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن موسكۋا دارىلفۇنۇننى پۈتكۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ.
ئەزەمخان تۆرە 1920 - يىلى سوفىيە ئىسىملىك تاتار قىز بىلەن توي قىلىپ، 1925 - يىلى ئائىلىسى بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ، كۇچانىڭ كوچېرىق دېگەن يېرىدە ئولتۇراقلىشىپ، سودا بىلەن شۇغۇللانغان.
1933 - يىللىرى كۇچادا يۈز بەرگەن سىياسى، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە كۇچادا يېڭى مەكتەپلەر ئېچىلىدۇ، ئەزەمجان تۆرە ئايالى سوفىيە خانىمىنى قىزلار مەكتىپى ئېچىپ، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. كېيىن ئۇ خوجىنىياز ھاجىغا مەسلىھەستچى بولىدۇ، خوجىنىياز ھاجى جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغاندا بىرگە بېرىپ، خوجىنىياز ھاجىنىڭ سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان قورال - ياراغ ۋە باشقا سۆھبەتلىرىدە، كېيىن خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئۆلكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ، ئۈرۈمچىگە بېرىشقا دەۋەت قىلىپ كەلگەن گېنېرال مالىكوف (رۇس) ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلى ئاپرىسوف بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىدە رۇسچە تەرجىمانلىق قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، خوجىنىياز ھاجى بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۇنىڭ يېنىدا مەسلىھەتچى بولىدۇ. خوجىنىياز ھاجى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئەزەم خان تۆرىمۇ قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.