ئاسىي
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەدىب موللا شاكىردىن كېيىن، «زەفەرنامە» تەخەللۇسلۇق ئەدىبىنىڭ تەرجىمىھالىغا دائىر ئەھۋاللار ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.
1955 - يىلى قاغىلىقتىن راشىدىن مۇپتى ئىسىملىك ئۆلىما ئەۋلادلىرىنىڭ كۆمۈپ ساقلىغان يېرىدىن شىنجاڭ تارىخىي مۇزېيى ئىختىيارىغا ئېلىنغان بۇ تارىخىي داستان 2460 مىسرادىن ئارتۇق بېيتتىن قۇرۇلغان بولۇپ، تۈزۈلۈش جەھەتتىن ئىككى قىسىم توققۇز بابقا بۆلۈنگەن. داستاندا چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ يەرلىك فېئودال ئەكسىيەتچى كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ خەلققە سالغان زۇلۇم - كۈلپەتلىرى، 19 - ئەسىرنىڭ 40 -، 50 - يىللىرىدا خەلقنىڭ قوزغىلىپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ۋە خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ قانلىق باستۇرۇلغانلىقىدىن ئىبارەت ئىجتىمائىي - تارىخىي ۋەقەلەر يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن جانلىق سۈرەتلەپ بېرىلگەن.
داستان مۇئەللىپى بۇرۇن خاتا ھالدا«مۇغەننى» تەخەللۇسى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەنىدى. «زەفەرنامە» داستانىنى ئىچكىرىلەپ ئۆگىنىش نەتىجىسىدە داستان مۇئەللىپىنىڭ «ئاسىي» تەخەلۇسلۇق شائىر ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇنى داستاننىڭ ئاخىرىدا شائىرنىڭ ئۆزى ھەققىدە يازغان:
« كى ئەي ئاسىي سۆزۈڭنى ئەيلەدىڭ قەتئ،
چۇ بىر مۈشكىل تىلىسىمى ئەيلەدىڭ قەتئ. (قەتئ - ئۈزۈش، كېسىش مەنىلىرىدە. بۇ يەردە«قەتئ سۆزى ئالدىنقى مىسرادا «ئۈزۈش» مەنىسىدە، كېيىنكى» مەنىسىدە كەلگەن.)
ھەمۇل مۈشكۈل تىلىسمىكىم ئۇشاتتىڭ،
دۇررى گەۋھەرلەدىن ئالەمگە ساچتىڭ»
دېگەن مىسرالاردىن بىلىش مۇمكىن.
شائىر داستانىنىڭ نامى ۋە يېزىلغان ۋاقتى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ:
«زەفەر تاپغاچ چۇ بولدۇم نۇسرەت ئەنجام، (ئەنجام - نەتىجە، ئاقىۋەت.)
<زەفەرنامە> بۇ دەپ قويدۇم مۇڭا نام.
. . . . . . . . .
<زەفەرنامە> دېمەككە ھۈججەت ئۇشبۇ
يەنە تەئرىخى ئەلفازى ھەم ئۇشبۇ.»
دېمەك، «زەفەرنامە» داستانى ھىجىرىيە 1272- (مىلادىيە 1860 -) يىلى يېزىلغان.
«زەفەرنامە» داستانى مۇئەللىپنىڭ باشتىن - ئاخىر خەلق تەرىپىدە تۇرۇپ، ئەينى دەۋر ئىجتىمائىي - تارىخىي ۋەقەلىرىنى چىنلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكىدەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇناسىپ ئورۇن تۇتىدىغان ئەسەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.