سۇلايمان ۋاڭ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئىمىن خوجىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بولغان سۇلايمان خوجا كىچىكلىكىدە ئاتىسى بىلەن بىرلىكتە گۇاجۇغا بېرىپ، شۇ يەردە چوڭ بولىدۇ. گۇاجۇدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سۇلايمان خوجا ئاتىسى ئىمىن خوجا بىلەن بىرلىكتە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە مۇئەييەن تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.
1777 - يىلى ئىمىن خوجا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە كۆرسەتكەن تۆھپىسىنى نەزەرگە ئېلىپ، سۇلايمان ئىمىن خوجىنىڭ جۈنۋاڭلىق (ئىنانچخانلىق) مەنسىپىگە ئولتۇرۇش توغرىسىدا يارلىق چۈشۈرىدۇ. سۇلايمان خوجا جۈنۋاڭ بولغاندىن كېيىن، ئاتىسىنىڭ ۋەسىيتىگە ئەمەل قىلىپ، تۇرپان مۇنارى قۇرۇلۇشىنى جىددىي ئېلىپ بېرىپ، 1778 - يىلى 5 - ئايدا تۇرپان مۇنارى، مۇنارغا يانداش پەشتاق ۋە چوڭ جامەنى سېلىپ پۈتكۈزىدۇ (تۇرپان مۇنارى تارىختا «سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى»، بەزىدە «ئىمىن ۋاڭ مۇنارى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە).
سۇلايمان خوجا ۋاڭلىققا ئولتۇرغاندىن كېيىن بارغانسېرى چىرىكلىشىشكە باشلايدۇ. لۈكچۈندىكى خەلق ئاممىسى سۇلايماننىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايەتلىرى، بولۇپمۇ چاكارنى ئاختا قىلىپ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغانلىقى، مۇنار سالغۇچى ئۇستىنى قەتل قىلغانلىقى ئۈچۈن خۇن دەۋاسى قىلىپ، سۇلايمان ۋاڭ ئۈستىدىن پادىشاھ چيەنلۇڭغا ئەرز سۇنىدۇ. چيەنلۇڭ ئەرزنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، خەلقنىڭ ئەرزىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، سۇلايماننى بېيجىڭغا يالاپ كېلىشنى بۇيرۇيدۇ ۋە 1779 - يىلى 1 - ئايدا سۇلايمان چىڭ سۇلالىسى چېرىكلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. قانۇن ۋەزىرى سۇلايماننى سوراق قىلىپ، چاكىرىنى ئاختا قىلىپ، ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغانلىقى ۋە مۇنار سالغان ئۇستىنى قەتل قىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. چيەنلۇڭ ئىمىن خوجىنىڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى تۆھپىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوغلى سۇلايمانغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىشنى بۇيرۇيدۇ. ئۇنىڭغا قاراشلىق 14 مىڭ 700 مو تېرىلغۇ يەر، چارۋىلىرىنى مۇسادىر قىلىدۇ، ئۇنى بېيجىڭدا ئولتۇراقلىشىشقا ھۆكۈم قىلىپ، نەزەربەند ئاستىغا ئالىدۇ، سۇلايمان ۋاڭنىڭ ئاخىرقى ئۆمرى بېيجىڭدا ئۆتىدۇ.