غولام ئەبەيدۇللا
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە ئەدەبىي ئوبزورچى غولام ئەبەيدۇللا 1946 - يىل 9 - ئايدا قەشقەر شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەردە ئوقۇپ تاماملاپ، 1958 - يىلدىن 1960 - يىلغىچە شىنجاڭ نېفىت تېخنىكومىدا ئوقۇغان، كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمىغان، كېيىنچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ۋە تەرجىمانلىق كۇرسىدا ئوقۇغان، 1965 - يىلدىن 1982 - يىلغىچە قەشقەر شەھىرى ۋە يېڭىسار ناھىيسىدە خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا چوڭلار ئالىي مائارىپى بويىچە ئىشتىن سىرت ئوقۇغان. ئۇ، 1982 - يىلدىن ھازىرغىچە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا تېخنىكىلىق تەھرىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
غولام ئەبەيدۇللا 1962 - يىلى <قەشقەر گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <كۈلدى ئىقبالىم مېنىڭ> ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ <قەشقەر>، <مۇقام ھەققىدە قىسسە>، <يادنامە>، <تىيانشان مۇھەببىتى>، <مۇبارەكنامە>، <كىتاب ھەققىدە مۇقەددەس> قاتارلىق كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
غولام ئەبەيدۇللا 80 - يىللاردىن باشلاپ ئەدەبيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ئەدىب ناقىسىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى>، <ئەدىب ناقىس ۋە ئۇنىڭ >گۈلزار بىنىش< داستانى>، <شائىر ۋە تارىخچى مەھمۇد ھېكىمبەگ>، <ھەمراھى غەزەللىرى> نىڭ ھەقىقىي مۇئەللىپى - مەھمۇد ھېكىمبەگ، <قىسسەئى رابغۇزى> ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش> قاتارلىق 50 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە - ئوبزۇر ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە <دىۋان ناقىس> قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلەرنى، <تارىخىي مىراس قۇتادغۇبىلىك ھەققىدە بايان> ناملىق مەجمۇئەنىڭ 3 -، 4 - كىتابىنى نەشرگە تەييارلىغان.
غولام ئەبەيدۇللانىڭ <ناقىسنىڭ ئىبرەتلىك سۆز - چاقچاقلىرى> (1996 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان.
غولام ئەبەيدۇللا ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئەدەبىيات - سەنئىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى