UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئابىد قۇمۇلى

ئابىد قۇمۇلى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ئابىد قۇمۇلىنىڭ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان چاغلىرى يەكەن خانلىقىنىڭ ئاخىرقى، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى ۋە خوجىلار ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدۇ. شائىر ئۆزىنىڭ بىر غەزىلىدە: «بۇ سائادەتغە سېنى يەتكۈزدى، ئابىد، شۈكۈر قىل، غازىئى دەۋران ئۇبەيدۇللاھ مىرى قامۇلى.» دەپ يېزىپ، ئۆزىنىڭ 1688 - يىلىدىن 1691 - يىلىغىچە قۇمۇلدا دەۋران سۈرگەن ئەبەيدۇللا غازى بەگ دەۋرىدە ياشىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. ئەبەيدۇللا غازى بەگنىڭ ئاتىسى مۇھەممەد شاھ غازى يەكەن خانلىقىنىڭ تەيىنلىشى بىلەن 1605 - يىلى قۇمۇلغا ئەمىر بولغان. غالدان ئۆلگەندىن كېيىن ئەبەيدۇللا غازى بەگ جۇڭغارلار ئاسارىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، چڭ ئوردىسىغا بەيئەت قىلدى. چىڭ سۇلالىسى ئەبەيدۇللا غازى بەگنىڭ جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە قارشى تۇرۇپ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىرىنچى دەرىجىلىك تارخان بەگلىك ئۇنۋانىنى بەرگەنىدى. شائىر ئابىد قۇمۇلنىڭ غەزىلىدىن مەلۇمكى، ئۇ ئەبەيدۇللا غازى بەگنىڭ ھامىيلىقىغا ئىگە بولغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان «باياز» (بىرلەشمە شېئىرىي توپلام) نامىدىكى قول يازما توپلامغا شائىرنىڭ جەمئىي 34 غەزىلى، 69 رۇبائىسى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ غەزەل، رۇبائىلارنىڭ ھەممىسى بىردەك ھالدا دىۋان شەكلىدە تۈزۈلگەن ۋە رەتلەنگەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، شائىر ئابىد قۇمۇلى ئەينى زاماندىلا ئۆز شېئىرلىرىنىڭ مۇكەممەل دىۋانىنى تۈزگەن. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ دىۋانى ھازىرغىچە تېپىلغىنى يوق. ئابىد قۇمۇلى غەزەللىرىدە تېما، خاھىشچانلىق تەرىپىدىن نەقىشبەند ئېقىمىغا مەنسۇپ بولغان تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتى نامايەندىلىرى بىلەن مەلۇم بىردەكلىك چېلىقىپ تۇرىدۇ. بۇنى ئۇنىڭ غەزەللىرىدە ئىزچىل قوللىنىلغان «ساقىي»، «جام» (ئاپتور ئۇنى بەزىدە ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىسى بويىچە «پىيالە»، «ئاياغ» دەپمۇ ئالىدۇ)، «مەي»، «مەيخانا» دېگەنگە ئوخشاش تەسەۋۋۇپ ئەقىدىلىرىنىڭ سىمۋوللاشتۇرۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان ئوبرازلىق ئىبارىلەر كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شائىر ئىجادىدىن يەنە ئۆز دەۋرىدىكى مەشرەپ ئىجادىغا مەنسۇپ بولغان ئىسيانكارلىقنىمۇ ئۇچرىتىش مۇمكىن. مەسىلەن: «زاھىد، ساڭا مەسجىدۇ ماڭا مەيخانا، جەننەت ساڭا بولغۇسى ماڭا جانانە. ھەريەردە تاپارغە يوق تەفاۋۇت ئانى، گەر كەبئە ئىچىدە بول ۋە گەر بۇتخانە.» قىسقىسى، ئابىد قۇمۇلنىڭ ئەسەرلىرى ئىدىيىۋى ھېسسىيات ۋە بەدىئىي سەنئىتى جەھىتىدىن يەكەن خانلىقى دەۋرى ئەدەبىياتى بىلەن خوجىلار ۋە جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىكى ئەدەبىياتنى بىر - بىرىگە باغلاپ تۇرغانلىقى بىلەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى