قالىبەگ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
قالىبەگ رايىمبەگ ئوغلى قازاقلارنىڭ ئورتاق يۈزكېرەي قەبىلىسىنىڭ جەنتىكەي بارقى قەبىلىسىدىن. ئۇ 1908 - يىلى چۆچەكتىكى بالىق تېغىدا تۇغۇلىدۇ. مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە ساۋەن ناھىيىسىدە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە ساۋەن ناھىيىسىدە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ. مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ساۋەندە ئوقۇتقۇچى بولىدۇ.
1945 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىدۇ ۋە ساۋەنگە ھاكىم بولىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى گومىنداڭ بىلەن 11 ماددىلىق بىتىم ئىمزالىغاندىن كېيىن ئۈچ ۋىلايەت بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، گومىنداڭ تەرەپكە ئۆتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆز قەبىلىسىنى يېتەكلەپ باشباشتاق ھەرىكەت قىلىدۇ. خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شىنجاڭغا كىرگەندىن كېيىن ۋەتەندىن يۈز ئۆرۈپ، 1951 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ يېقىنلىرى بىلەن چەت ئەلگە قېچىپ كېتىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى سەرگەردانلىقتا ئۆتكۈزىدۇ. 1985 - يىلى 77 يېشىدا تۈركىيىدە ۋاپات بولىدۇ.