UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىتوپۇق ئويۇنى

توپۇق ئويۇنى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى توپۇق ئويۇنى - شەرتى مېغىز، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك، مۇددىتى ئۇزۇن، ئەر - ئايال، قېرى - ياش ھەممىگە تەڭ ئومۇملاشقان ئويۇن. بۇ ئويۇنمۇ دوستلۇقنىڭ ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئۇنتۇلماس،، ساداقەتمەن بولۇشنى سىناش ئويۇنى بولۇپ، قوي ياكى ئۆچكىنىڭ توپۇقى لازىم. توپۇق توي قوي ياكى ئۆچكىنىڭ ئارقا پۇت سېنىدىن چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇستەھكەم ئۇيۇللۇققا ئىگە. گۆش بىلەن توپۇق سۆڭىكى ئارىسىدىكى ئۇيۇللۇققا سىمۋول قىلىنغان. توپۇق ئويۇنىنىڭ ئوينىلىشى: توپۇق ئوينىغۇچى ئىككى كىشى بىر يەردە تۇرغان بولسۇن ياكى يىراق يەردە بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ دوستلۇق سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىر يەنە بىرىگە پاكىزلانغان توپۇقنى تېشىپ يىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. توپۇقنى قوبۇل قىلغان دوستى ئۇنى ئېلىپ يېنىدا ساقلايدۇ. توپۇق بەرگۈچى خالىغان مەزگىلدە تۇيۇقسىز توپۇقنى سورايدۇ. توپۇق ئالغۇچى دەرھال چىقىرپ بېرىشى لازىم. شۇندىلا ئۇ ئۇتقان بولىدۇ شۇ چاغدا، تۇپۇق بەرگۈچى قوي، كالا، ھەتتا تۆگە سويۇپ چاي (مەشرەپ) بېرىپ دوستىنىڭ ساداقىتىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. مۇبادا دېگەن ۋاقتىدا توپۇقنى چىقىرىپ بېرەلمىسە، توپۇق ئالغۇچى ئۇتتۇرغان بولۇپ ئۇتقۇچى تەرەپكە مەشرەپ - چاي بېرىدۇ. توپۇق ئويۇنى ئۆز ئارا دوستلۇق ۋە ساداقەتمەنلىكنى سىنايدىغان، ھوشيارلىقنى ئاشۇرىدىغان ئەنئەنىۋى ئويۇن بولۇپ، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
توپۇق ئويۇنى | UyghurWiki | UyghurWiki