يۈسۈپ ئەمىر
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 15 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشاپ ئىجاد ئەتكەن يۈسۈپ ئەمىرى ئەدەبىياتىمىزغا خارەزمىي ئەنئەنىلىرىگە ۋارسلىق قىلىپ ياراتقان نامە ژانىرىدىكى ئەسىر _ «دەھنامە»، مۇنازىرە ژانىرىدىكى ئەسىرى _ «بەڭ ۋە مەي ئارىسىدىكى مۇنازىرە» ۋە غەزەل، تويۇق، قەسىدە ھەم باشقا ژانىردىكى شېئىرلاردىن تەشكىل تاپقان بىر لىرىك دىۋانى بىلەن مەلۇمدۇر.
نەۋائى «مەجالىسۇن نەفائىس» تا يۈسۈپ ئەمىرى ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ: «تۈرك ئەردى ۋە تۈركچە شېئىردىن ياخشى ۋاقىئى بولۇبدۇر» دېگەنىدى.
شائىرنىڭ ھىجرى 833 - يىلى (مىلادى 1429 - يىلى) يازغان «دەھنامە» ناملىق ئەسىرى ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ ئىشقى مەكتۇپلىرى، ھېكايەتلەردىن ئىبارەت. «دەھنامە» دىكى شېئىرىي شەكىللەر ئاساسەن مەسنەۋى، غەزەل، فەرد شەكلىدە بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇھەببەت، ھىجران، ۋىسال، ھايات لەززىتى ۋە مەي ھەققىدە قىزغىن، گۈزەل لىرىك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدىكى غەزەللەر ئادەتتىكىدەك 6 - 7 - بېيىتتىن ئەمەس،بەلكى 20 - 30 - بېيىتتىن تۈزۈلگەندۇر.
يۈسۈپ ئەمىرنىڭ «بەڭ ۋە مەي ئارىسىدىكى مۇنازىرە» ناملىق ئەسىرى نەسىرىي ئۇسلۇبتا يېزىلغان مۇنازىرە ژانىرىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ نادىر ئۈلگىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئەسەردە شېئىرىي مىسرالارمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ شېئىرىي مىسرالارنىڭ بىر قىسمى ئاپتور قەلىمىگە، بىر قىسمى باشقا مەشھۇر شەرق كلاسسىكلىرى قەلىمىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ بۇ شېئىرىي پارچىلاردا شەرق كلاسسىك شېئىرىيىتىنىڭ نۇرغۇن نادىر تۈرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئۆز ئەسىرىنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمى ۋە قىممىتىنى ئاشۇرغان.
«بەڭ ۋە مەي ئارىسىدىكى مۇنازىرە» دە ئاپتور مەجازى ۋاسىتىلەردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ ماختانچاقلىق، چوڭچىلىقنى تەنقىد قىلىپ، ئىشرەتپەرەسلىكنى قامچا ئاستىغا ئالىدۇ. ئەسەردىكى بەڭ يېشىل كىيىم كىيگەن تەركىدۇنياچى سوفى، دەرۋىش سۈپىتىدە؛ مەي قىزىل كىيىم كىيگەن پالۋان يىگىت قىياپىتىدە سۈرەتلىنىدۇ. ئۇلار ئۆز سۈپەت ۋە خاسىيەتلىرىنى تەرىپلەپ قارشى تەرەپنى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش داۋامىدا قۇرئانغا ۋە شەرقنىڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇرلىرى پىكىرلىرىگە تايىنىشىدۇ. ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا مەي: «... ئەگەرچە زاھىردە ھەيئىتىمىز مۇخالىپتۇر، ئەمما باتىندە ھالەتىمىز مۇۋاپىقتۇر ....... مېنىڭ خاسىيەتىم يۈزنى قىزارتماقتۇر ۋە سېنىڭ ئادەتىڭ سارغايتماق...» (مەنىسى: «... گەرچە تاشقى شەكلىمىز ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما ئىچكى ھالىتىمىز ئوخشاشتۇر... مېنىڭ خاسىيىتىم يۈزنى قىزارتماقتۇر ۋە سېنىڭ ئادىتىڭ سارغايتماق...») دەيدۇ. بەڭ خۇش بولۇپ تەڭرىنىڭ ئۇنىڭغا جەننەت ئاتا قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ.
يۈسۈپ ئەمىرنىڭ يۇرتى، تۇغۇلغان، ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئۆز ئەسەرلىرى ۋە باشقا مەنبەلەردىن ھېچقانداق ماتېرىيال بىزگە يېتىپ كەلمىگەن.