UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئۆركەش ئىبراھىم

ئۆركەش ئىبراھىم

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئۆركەش ئىبراھىم 1951 - يىل 6 - ئايدا كىرىيە ناھىيسىنىڭ سايباغ يېزىسىدا دېھقان ئائىلسىدە تۇغۇلغان، 1958 - يىلدىن 1968 - يىلغىچە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە دارىلمۇئەللىمىنلەردە ئوقۇغان، 1972 - يىلدىن 1976 - يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ، 1984 - يىلغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىدە خىزمەت قىلغان، 1984 - يىلدىن تارتىپ <شىنجاڭ ياشلىرى> ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۆركەش ئىبراھىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 70 - يىللاردا شېئىر بىلەن باشلانغان، دەسلەپ بىر مەزگىل شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، كېيىنچە ئاساسەن پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <يېڭى قوشنام>، <يازغۇچى> قاتارلىق بىر تۈركۈم ھېكايىلارنى ئېلان قىلىپ، جامائەتنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغان. ئۆركەش ئىبراھىمنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئايپەرى> (1987 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى بار. ئۆركەش ئىبراھىم ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى