UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئارۇپ قاسىمى

ئارۇپ قاسىمى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ئارۇپ قاسىمى 1873 - يىلى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ چولۇقاي يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ بالىلىق چاغلىرىنى ئۆز يېزىسىدا ئۆتكۈزگەن. كېيىن ئائىلىسى بىلەن يار كەنتكە كۆچۈپ بېرىپ، مەدرىستە، پەننىي مەكتەپلەردە بىلىم ئالغان، ھۈنەر ئۆگەنگەن. ئۇ ياركەنتتە ئوقوپ يۈرگەن مەزگىللىرىدە روس، ئەرەب، پارس تىللىرىنى ئىگىلىگەن. تۇرمۇشىدىكى قىينچىلىقلار تۈپەيلىدىن، ئۇ ئۆرلەپ ئوقوش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن ۋە كېيىن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ،غۇلجا شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان. ئۇ غۇلجا شەھىرىدە تىككۈچلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە جامائەت، ئاقارتىش ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، كىشىلەرنى، بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنى ئىلىم - مەرىپەت ئۆگىنىشكە چاقىرغان. ئارۇپ قاسىمىنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى 1900 - يىللىرى باشلانغان. ئۇ ۋاپاتىغىچە (1936 - يىل) بولغان ئىجادىي ھاياتىدا كۆپلىگەن شېئىر، رۇبائى،مەسەل ۋە داستانلارنى يازغان. لېكىن بۇ شېئىرلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى يوقىلىپ كەتكەن، پەقەت ناھايىتى ئاز بىر قىسىم شېئرلىرى ۋە بىر كىچىك داستانىلار كىچىك ئوغلى ھۈسەيىننىڭ قولىدا ساقلىنىپ قالغان. شائىرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە ساقلىنىپ قالغان شېئىرلىرى «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 1987 - يىل 1- سانىدا (ھۈسەيىن ئارۇپ، تۇرسۇن زېردىنلار تەييارلىغان) ئېلان قىلىنىدى. شائىرنىڭ «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان 12 پارچە شېئىرى ۋە مەسنەۋى شەكلىدە يېزىلغان بىر پارچە مەسەلدىن شائىرلىق تالانتى ۋە ئىجادىدىكى ئورىگىناللىقنى ھېس قىلىش قىيىن ئەمەس. ئۇنىڭ شېئىرلىرى تېما دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، بىر قەدەر يۇقىرى بەدىئىيلىكى بىلەن كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىدۇ. بۇ شېئىرلاردا ھەم كلاسسىك شېئىرىيتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىمۇ ھەم ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ دەۋرگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىمۇ روشەن گەۋدىلەنگەن بولۇپ، خېلى يۇقىرى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئارۇپ قاسىمى | UyghurWiki | UyghurWiki