UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىخارەزمى

خارەزمى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى 13 - ئەسىردىكى مۇڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىن بىر مەزگىل ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتتە تۇرغۇنلۇق ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى «چاغاتاي خانلىقى» ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن قۇرۇلغان تۆمۈرىلەر سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە قايتىدىن جانلىنىشقا ئىگە بولدى. بۇ جانلىنىش 13 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى، 14 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۆرۈلۈشكە باشلىدى. 14 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىۇ ئۆزىنىڭ يېڭى بىر تارىخىي دەۋرىگە قەدەم قويدى. لۇتفى، سەككاكى، نەۋائى قاتارلىق مەشھۇر نامايەندىلەر ئۆزلىرىنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى ياراتقان بۇ ئەدەبىي تىل كېيىنكى دەۋرلەردە باشقىلار تەرىپىدىن «چاغاتاي تىلى» ئەينى ۋاقىتتا «چاغاتاي ئولۇسى» دائىرىسىدە ياشىغان مىللەت ۋە خەلقلەر ئىچىدە مەدەنىيىتى يۇقىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ئەسىرلەردىن بېرى قوللىنىپ كېلىۋاتقان يېزىق ئەدەبىي تىلىنى، نەۋائى تىلى بىلەن ئېيتقاندا، «ئۇيغۇر ئىبارەتى» (ئۇيغۇر ئىبارىلىرى) نى ئاساس قىلىپ مەيدانغا كەلگەن ئەدەبىي تىل ئىدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى چاغاتاي تىلى دەۋرىگە قەدەم قويغان مەزگىلدە يارىتىلغان بەدىئىي ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى ئىچىدە خارەزمىنىڭ «مۇھەببەتنامە» ناملىق ئەسىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. «مۇھەببەتنامە» نىڭ ئاپتورى خارەزمىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىغان مەنبەلەر يوقنىڭ ئورنىدا. بىز پەقەت «مۇھەببەتنامە» نىڭ ئايرىم قىسىملىرىدا بېرىلگەن بايانلاردىن بۇ ئەسەرنىڭ «خارەزمى» تەخەللۇسلۇق ئاپتور قەلىمىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، ئالتۇن ئوردا خانى قانىبەگنىڭ ھۆكۈمدارلىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەد خوجابەگنىڭ تەكلىپى بىلەن 754 - ھىجىرىيىدە (مىلادى 1353 - يىلى) يېزىلغانلىقىنى بىلىمىز. ئەسەرنىڭ يېزىلغان جايى ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردا سىر دەريا بويىدىكى سىغناق شەھىرى تىلغا ئېلىنىدۇ. «مۇھەببەتنامە» نىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى، بەدىئىي تۈزۈلۈش جەھىتىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئۇنىڭ خاتىمىسىگە قوشۇپ بېرىلگەن بىر فارسىي ھېكايىدىن، لېيدىن ئونىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان خارەزمى قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان غەزەلدىن، شۇنىڭدەك 14 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ياكى 15 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يارىتىلغان خوجەندى تەخەللۇسلۇق شائىرنىڭ «لەتافەتنامە» ئەسىرىنىڭ «مۇھەببەتنامە» گە جاۋاب تەرىزىدە يېزىلغانلىقىغا قاراپ، شائىرنىڭ فارس، تۈركىي تىللاردىكى يازما ۋە ئاغزاكى ئەدەبىياتنىڭ ئەنئەنىلىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن، غەزەل، مەسنەۋى، قىتئە، فەرد قاتارلىق ژانىرلارنىڭ ئۇستىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ زامانىسىدە خېلى كەڭرى تارقالغان ۋە ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە بولغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. «مۇھەببەتنامە» كىرىش قىسىم، ئەسەرنىڭ ئاساسىي ماھيىتىنى تەشكىل قىلغان نامەلەر (بۇ نامالەردىن پەقەت بىرىلا باشقا مەزمۇندا)، يەنى ئاشىقنىڭ ئۆز مەشۇقىغا ئاتىغان شېئىرىي مەكتۇپلىرى ۋە خۇلاسە قىسمىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا گۈزەللىكنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنى تەرغىب قىلىش، ئىنسانىي پەزىلەتلەر ۋە پاك مۇھەببەتنى مەدھىيىلەش، ھايات نېئىمەتلىرىدىن بەھرە ئېلىشقا چاقىرىش، ئومۇمەن، ھايات قانۇنىيەتلىرىنى چوڭقۇر بىلىپ يەتكەن ئەركىن، ئىقتىدارلىق، يېتىلگەن بىر شەخسنىڭ مۇھەببەت ۋە ھاياتقا بولغان چوڭقۇر پەلسەپىۋى كۆز قارىشى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. «مۇھەببەتنامە» دە ئاساسىي ماۋزۇ بىلەن باغلىق ھالدا مەي تېمىسىمۇ مەلۇم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭدىكى مەي ئوبرازى ئەنئەنىۋى خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، شاتلىق سىمۋولى، ھىجران ئازابلىرى ۋە تۈرلۈك ئەندىشىلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ. قىسقىسى، «مۇھەببەتنامە» دە خارەزمى ئۆز دەۋرىنىڭ ئىجتىمائىي - پەلسەپىۋى مەسىلىلىرى بىلەن ياخشى تونۇش بولغان ۋە ئۇنىڭ ھايات بىلەن باغلىنىشلىق تەرەپلىرىنى پىششىق بىلگەن ئىلغار پىكىرلىك ئىجادكار سۈپىتىدە گەۋدىلىنىدۇ. دەۋرىمىزگە «مۇھەببەتنامە» نىڭ ئىككى قول يازما نۇسخىسى يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلاردىن ئەڭ قەدىمكىسى شاھرۇھنىڭ ھىراتتىكى سەركەردىسى مىر جالالىدىننىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ياخشى (كاتىپ) بەكىر مەنسۇر تەرىپىدىن ھىجىرىيىنىڭ 835 - يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ باشلىرىدا (مىلادى 1432 - يىلىنىڭ مارت ئېيىدا) يازد شەھىرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن. ھازىر بېرىتانىيە مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىدۇر. ئەسەرنىڭ ئەرەب يېزىقىدا ھىجىرىي 914 - يىلى (مىلادى 1508 - 1509 - يىللىرى) كۆچۈرۈلگەن ئىككىنچى نۇسخىسىمۇ بېرىتانىيە مۇزېيىدا ساقلانماقتا.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى