ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964 - يىلى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق دىنىي زات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى بەشكېرەم يېزىسىدا تۈگىتىپ، 1982 - يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1986 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچى تەجىرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان، ھازىر شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى.
ئابدۇقادىر جالالىدىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، ھازىرغىچە ئۇنىڭ <سۆيگۈ قاراقچىسى>، <قانات قەسىدىسى>، <قاخشار ئىدى ئانىسى، بىراق...>،<يىقىلىش>، <بوران ناخشىسى>، <سۈكۈت تەركىزىسى>، <غەزەللەر>، <ۋۇجۇد لەۋھى> قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭىچە شېئىرلىرى؛ <ئۈچىنچى كۆز>، <ئۆڭكۈردىن بوشلۇققا قاراپ> قاتارلىق ماقلىلىرى ئېلان قىلىنىپ كىتابخانلارنىڭ، ئەدەبىياتچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن، بەزى ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايۇن دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان. ئۇ يەنە چەت ئەللىك مەشھۇر يازغۇچى - شائىرلارنىڭ، ئالىم - پەيلاسۇپلارنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغان. <ئەپلاتون پاراڭلىرى>، <ئادەم ئۆزىنى قانداق قۇتۇلدۇرىدۇ> قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان.
ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ <شاراب تومۇرى> ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1993 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، بەزى شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
ئابدۇقادىر جالالىدىن ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.