قاسىمجان قەمبىرى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
قاسىمجان قەمبىرى 1910 - يىلى 1 - ئايدا ئاتۇش بويامەتتە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كىيىن، ئاتىسى بىلەن بىللە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ باشلانغۇچ مەكتەپنى يەركەتتە ئوقىدى. كېيىن 1925 - يىلى تاشكەنتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلىم يۇرتى (ساگو ئىنىستىتۇتى) غا كېرىپ ئوقىدى.
كىچىگىدىن شوخ، تېتىك ۋە زېرەك ئۆسكەن قاسىمجان قەمبىرى ئوقۇش يىللىرىدا سەنئەتكە، مۇزىكىغا ۋە ناخشىغا بولغان ھەۋەسكارلىقى بىلەن تونۇلغانىدى. كېيىن ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ ئىلىدا تۇرۇپ قالدى.
1934 - يىلى ئاپرىل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، شىنجاڭدا دېموكراتىيە بىر مەھەل ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. بۇ چاغدا قاسىمجان قەمبىرى دېموكراتىك زات، ئۇيغۇر ئۇيۇشما رەئىسى تىيىپھاجى (شەنجاڭ) نىڭ قوللىشى بىلەن ئىلىدا ئۇيغۇر سانايى نەفىسە ( تىياتىر ئۆمىكى) قۇردى. «پرىخون» (ياخشى)،«يالغان تىۋىپ» قاتارلىق درامىلار قويۇلغاندا، ئۇ بۇ دىرامىدا رول ئالدى ۋە رىجىسورلۇق قىلدى ۋە ئۆزى «زەينەپكە تۆھمەت» قاتارلىق درامىنى يېزىپ سەھنىدە ئوينىدى. «غېرىپ - سەنەم» داستانىغا ئاساسلىنىپ «غىرىپ - سەنەم» ئوپىراسىنى يېزىپ، داستان تىكستلىرىگە ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسىنىڭ گۈلتاجى بولغان «ئون ئىككى مۇقام» تەركىبىدىكى «راك»، «ئۇشاق»، «چەبيات»، «مۇشاۋىرەك»، «ناۋا» قاتارلىق مۇقاملار ئاھاڭىنى ۋە خەلق مۇزىكانتلىرى ياراتقان ئاھاڭلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھازىرقى زامان ئوپىراسىس «غىرىپ - سەنەم» نى بالىققا كەلتۈردى ۋە بۇ ئوپىرادا ئۆزى رول ئالدى. ھەتتا بارلىق فېئوداللىق توسالغۇلارنى بۇزۇپ، رەپىقىسى رازىيە خانىمنى شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم سەھىنىگە ئېلىپ چىقتى. يېڭى دېموكراتىك ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئىتىدە باشلامچى بولغان قاسىمجان قەمبىرىنىڭ بۇ ئىش - ھەرىكىتى شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنى بىئارام قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي، سان - ساناقسىز ساپ ۋىجدانلىق خەلق پەرزەنتلىرى قاتارىدا قاسىمجان قەمبىرىمۇ جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلاندى. ئۇ ئۈرۈمچى ئىككىنچى تۈرمىسىدە يەتتە يىلغا يېقىن ئازاپلاندى.
1944 - يىلى 7 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى ئۈرۈمچى تۈرمىسىدىن چىققاندىن كېيىن، قاسىمجان قەمبىرى ئۇنىڭ بىلەن ئىككى كۈن سۆھبەتلەشتى ۋە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىلىغا قايتتى.
1944 - يىلى نويابىردا، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ ھەربىي ئىستىداتىغا ئاساسەن ئۇنىڭغا پولكوۋنىڭ ئۇنۋانىنى بەردى. ئۇ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي مەزگىلىدەد مەدەنىي - مائارىپ، سەھىيە، خەلق سودى قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلاردا خىزمەت ئىشلىدى. 1945 - يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۇ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جەنۇبىي فرونت قوماندانلىق شىتابىنىڭ تەركىبىگە كىرگۈزۈلۈپ، مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلدى ۋە ئۈچ ۋىلايەت قوشۇنىنىڭ ئاقسۇ كونا شەھىرىنى ئىشغال قىلىشىغا قوماندانلىق قىلدى.
1946 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى تۈزگەن 11 ماددىلىق تىنچلىق بېتىم ئىمزالانغاندا، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قارارى بويىچە ئۇ قەشقەر ۋىلايىتىگە مۇئاۋىن ۋالى بولۇپ تەيىنلەندى.
1947 - يىلى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى 11 ماددىلىق تىنچلىق بېتىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئىنقىلابىي ئاممىنى زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلدى. بۇ چاغدا، قاسىمجان قەمبىرىمۇ ئىلغار ياشلار بىلەن دېموكراتىك زاتلار قاتارىدا قولغا ئېلىنىپ، قەشقەر ھەربى تۈرمىسىدە 1949 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە قامالدى. شۇ يىلى 6 - ئايدا ئۇ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، ئۈرۈمچى مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشما رەئىسى بولۇپ ئىشلىدى. مۇشۇ جەرياندا ئۈرۈمچىدىكى ئىلغارلار نەشر قىلغان «ھەقىقەت» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى زىممىنىسىگە ئېلىپ 1949 - يىلى 1- ئىيولدىن ئازادلىققىچە بولغان ئارلىقتا ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى غەلىبىسىنى گېزىت يۈزىدە دادىل ئېلان قىلدى. ئازادلقتىن كېيىن، قاسمجان قەمبىرى يەكەن ۋىلايىتىگە ۋالى بولۇپ تۆت يىل ئىشلىدى. بۇ جەرياندا خىزمىتىنىڭ سىرتىدا يەكەن ئەدەبىيات - سەنئىتىگە زور كۈچ بىلەن ياردەم بەردى ھەم شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ 12 مۇقامنى رەتلەش، سىمغا ئېلىشقا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى ۋە كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى. 1954 - يىلدىن باشلاپ قاسىمجان قەمبىرى جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر بولۇپ، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمەت ئەزاسى، جۇڭگو كومپارتىيىسى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولدى.
قاسىمجان قەمبىرى كېسەل سەۋەبى بىلەن 1959 - يىلى 3 - مارت كۈنى قەشقەردە 46 يېشىدا ۋاپات بولدى.