ئاشۇراخۇن غەرىبى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
خوتەنلىك شائىر ئاشۇراخۇن غەرىبىنىڭ 19 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ياراتقان «ئەمىر ئالىي» ناملىق داستانىمۇ موللا بىلال نازىمى، موللا شاكىر، ئاسىينىڭ ئەسەرلىرىگە ئوخشاش 1864 - 1867 - يىللار ئارىلىقىدا شىنجاڭدا بولۇپ ئۆتكەن زور ئىجىتمائىي - تارىخىي ۋەقەلەرگە بېغىشلانغان.
شائىر ئۆز داستانىدا ئەنە شۇ يىللاردا كۆتۈرۈلگەن خەلق قوزغىلاڭلىرى ھارپىسىدىكى خەلق تۇرمۇشىنى ناھايىتى ئېنىق ۋە ئوبرازلىق قىلىپ تەسۋىرلىگەن:
«ئالۇر ئېردى ئالباڭ قويۇپ نەچچە ئات،
كى بەرسە تۈگىمەس ئالۇر ئېردى پات.
كى خام، پاختا، ئايلىق، چاپانلىق پۇلى،
كى ئۈشرى كەنتىن ئالۇر بىر يولى.
كى يىغىلار ئېردى كېچە - كۈندۈز ئېرىغ،
مۇسۇلمانلارنىڭ رەڭگى بولدى سېرىغ.»
ئاشۇراخۇن غەرىبىنىڭ خەلق دۈشمەنلىرىنىڭ ماھىيىتىگە قارىتىپ ئېيتقان تۆۋەندىكى مىسرالىرى خەلق ماقال - تەمسىللىرىنى بەدىئىي ئەدەبىياتتا ئىجادىي پايدىلىنىشنىڭ ئۈلگىسىدۇر:
«قارا يۇڭنى ھەر قانچە يۇۋغان بىلەن،
ئاقارغايمۇ سۇ ئىچرە تۇرغان بىلەن. »
شائىرنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى، باشقا ئىجادىي مىراسلىرى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.