UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئوبۇلخەيرى تۆرە

ئوبۇلخەيرى تۆرە

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئوبۇلخەيرى تۆرە(قازاق) تۆرە ئەۋلادى. ئۇ 1890 - يىلى نىلقا ناھىيىسىنىڭ ئولاستايدىكى چونجى كەنتىدە رابات ئىسىملىك تۆرە ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە، 1910 - يىلىغىچە غۇلجا شەھىرىدە موللا خەلپەتتە ئوقۇپ، ئىسلام دىنى بىلىمىدە ئوتتۇرا مەلۇماتقا ئىگە بولىدۇ. 1932 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن بايجان، بەكمۇرات قاتارلىق مۇئەللىمىلەرنى يۇرتىغا ئېلىپ چىقىپ يېڭىچە مەكتەپ تەسىس قىلىپ، ئۆزى باشلامچى بولۇپ ئوقۇيدۇ. كېيىن نىلقىنىڭ چونجى دېگەن يېرىگە رايون باشلىقى بولىدۇ. شۇ كۈنلەردە چونجىغا مەھەللە بىنا قىلىپ، قازاقلارنى يېرىم ئولتۇراقلاشتۇرىدۇ. كېيىن باي چارۋىچىلاردىن ئىئانە توپلاپ مەكتەپ سالدۇرۇپ، پەننىي مەكتەپ ئاچىدۇ ھەم چونجىدىكى قازاق خەلقىگە يەر بۆلۈپ بېرىپ، دېھقانچىلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم قازاق خەلقى يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق قىلىدىغان بولىدۇ. 1944 - يىلى كۈزدە نىلقا پارتىزانلىرى تەشكىللەنگەندە، ئوبۇلخەيرى تۆرە ئۇلارغا قۇلايلىق شەرت يارىتىپ بېرىدۇ، پارتىزانلار قوماندانلىق شتابى قۇرۇلغاندا باش شىتاب مەسلىھەتچىسى بولىدۇ. 1944 - يىلى 11 - ئايدا ئىىدا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا ھۆكۈمەت ئەزاسى بولىدۇ. 1946 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق بىتىمى تۈزگەندە ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىدۇ. 1946 - يىلىدىن 1950 - يىلىغىچە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، ئازادلىقتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولىدۇ. <مەدەنىيەت ئىنقىلابى> مەزگىلىدە <تۆت كىشلىك گۇرۇھ> نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، 1970 - يىلى ۋاپات بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى