مۇھەممەتئېلى زۇنۇن
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە دراماتورگ مۇھەممەتئېلى زۇنۇن 1939 - يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ ساقىيە مەھەللىسىدە ئۇششاق تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپنى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇپ تاماملاپ، 1955 - يىلى شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1958 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە ئوقۇتقۇچى، ئىجادىيەت خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن، 1991 - يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ كەسپىي ئىجادىيەتچىسى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
مۇھەممەتئېلى زۇنۇننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1952 - يىلى سابىق <جەنۇبىي تىيانشان گېزىتى> دە ئېلان قىلغان شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <قۇچاقلا، ئۇ سېنىڭ داداڭ>، <كارۋان ناخشىسى> قاتارلىق يۈزلەپ شېئىر ۋە ناخشا تېكىستلىرىنى، <گۈلمىېھرى> قاتارلىق داستانلارنى يېزىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيىتى دراما ئىجادىيىتىدە كۆرۈلىدۇ. ئۇ، 1960 - يىللاردىن تارتىپلا دراما ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن، 80 - يىللاردىن باشلاپ <مەسلىھەت چېيى>، <رابىئە - سەئدىن>، <كىچىككىنە توي>، <قايچا قۇدا>، <مۇقام ئۇستازى>، <ئەزىزە> قاتارلىق يىللاردا پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ <ئىككى ئوقۇغۇچۇم>، <باشلىقمىكىن دېسەم>، <قوش مەسچىت>، <مۇناپىقنىڭ ئۆلۈمى> قاتارلىق ھېكايە - پوۋېستلارنىمۇ يازغان.
مۇھەممەتئېلى زۇنۇننىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <گۈلمېھرى> (1980 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق داستانلار توپلىمى، <ۋىسال سەھىرى> (1982 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <ئاچا - سېڭىل> (تۇرسۇن نىياز بىلەن بىللە، 8619 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <قوش مەسچىت> (1989 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېست - ھېكايىلار توپلىمى، <جەنۇبتىكى جەڭ مارشى> (1987 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <ئەزىزە> (1991 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق درامىلار توپلىمى، <ئائىلە ناخشىلىرى> (1996 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى، <ئۈچ ياش> ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە بەزى درامىلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
مۇھەممەتئېلى زۇنۇن ھازىر 1 - دەرىجىلىك كەسپىي ئىجادىيەتچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.