مۇھەممەت ئىمىن
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر، يازغۇچى ۋە ئەدەبىي مۇھەررىر مۇھەممەت ئىمىن 1946 - يىل 6 - ئايدا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىنىڭ ئارال يېزىسىدا دېھقان ئارال يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئارال يېزىسى ۋە يېڭىشەھەر ناھىيسىدە ئوقۇپ تاماملىغان، 1963 - يىلدىن 1965 - يىلغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ خەنزۇ تىلى تەييارلىق بۆلۈمىدە ئوقۇغان، 1965 - يىلدىن 1970 - يىلغىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ 1975 - يىلغىچە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىدە ئىشلىگەن، شۇ يىلى بېيجىڭغا يۆتكىلىپ، دەسلەپ مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە مۇھەررىر - تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئەدەبىي مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
مۇھەممەت ئىمىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1963 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <ئۇنتۇلماس كۈن> ناملىق شېئىرى بىلەن رەسمىي باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ <تىيانشان ناخشىسى>، <ۋەتەن ئىلھامى>، <مۇھەببەت ناخشىلىرى>، <پەسىل لىرىكىلىرى> قاتارلىق شېئىرلارنى؛ <جاسارەتلىك قوشكېزەك>، <سىڭلىمغا> قاتارلىق داستانلارنى؛ <بىر جۈپ لاي قونچاق>، <ئۇل تاش بىلەن كاھىش>، <توشقان نېمە ئۈچۈن ئۆلدى>، <تىيىن بىلەن قارىغاي> قاتارلىق بالىلارغا ئائىت ئەسەرلەرنى يازغان.
مۇھەممەت ئىمىن 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ ئاساسەن پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ <دۇتار ۋە زۇلپىقار>، <ئۇ پاخلان ئەمەس، ئىنسان>، <ۋىجدانىڭ نېمە دەيدۇ> قاتارلىق پوۋېستلارنى يېزىپ، بۇ ساھەدىمۇ بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ بىر مۇنچە ئەسەرلىرى ھەر دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
مۇھەممەت ئىمىن ئۆز نۆۋىتىدە داڭلىق ئەدەبىي تەرجىمان. <پوتېئىر شېئىرلىرىدىن تاللانما>، <خەزىنە گىرۋەكلىرى> (مەشھۇر چەت ئەل شائىرلىرىنىڭ داڭلىق شېئىرلىرىدىن تاللانما)، <سەرگەردان بالا>، <فىڭ شۆفىڭ مەسەللىرى>، <دۇنيادىكى مەشھۇر چۆچەكلەر>، <ياشا ھەم ئېسىڭدە ساقلا> قاتارلىق چەت ئەل ۋە جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى بىر مۇنچە ئېسىل ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەرجىمە قىلىپ، ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.
مۇھەممەت ئىمىننىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئىجادىي ئەسەرلىردىن <رەيھان بەرگىدە شەبنەم> (1982 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <قارىغاي بىلەن تىيىن> (1985 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق مەسەللەر توپلىمى، <داغدا قالغان قىز> (1987 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <ئىككى يۈزلۈك ئادەم> (1990 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى، <دەھشەتلىك ئاپەت> (1993 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.
مۇھەممەت ئىمىن ھازىر ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.