UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىسۇلتان ئابدۇرەشىدخان

سۇلتان ئابدۇرەشىدخان

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى سۇلتان ئابدۇرەشىدخان سۇلتان سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، مىلادى 1510 - يىلى موغۇلىستان خانلىقى تەۋەلىكىدىكى پەرغانە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق ۋە ئوقۇش يىللىرىنى پەرغانىدە ۋە تاغىسى بابۇر شاھنىڭ كابۇلدىكى ئوردىسىدا ئۆتكۈزگەن. يەكەن خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن بىر مەزگىل يەكەن خانلىقىغا تەۋە يەتتە سۇ رايونى ۋە ئاقسۇ رايونىنىڭ سەرتاپلىقىغا (باش ۋالىيلىقىغا) تەيىنلەنگەن. مىلادى 1533 - يىلى ئاتىسى سۇلتان سەئىدخان تىبەتكە قىلغان يۈرۈشىدە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، يەكەنگە بېرىپ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەختىگە ۋارسلىق قىلغان. شاھ مەھمۇد جۇراسىنىڭ «تارىخى رەشىدى (زەيلى)» ناملىق ئەسىرىدە خەۋەر بېرىشىچە، «سۇلتان ئابدۇرەشىدخان .... ھەر بىر ئىشتا تەڭدىشى يوق ئىدى. ئىلمى مۇسىقىدا ماھىر ئىدى، بەلكى مۇسەننىف ئىدى»، «... خۇش نەۋەس (چىرايلىق ھۆسن خەت يازغۇچى) ئىدى، پارس ۋە تۈركىي شېئىرلارنى ئىجاد قىلىشتا كامىل شائىر ئىدى.» سۇلتان ئابدۇرەشىدخان سەنئەتخۇمار، مەرىپەتپەرۋەر كىشى ئىدى. موللا مۇساسايرامنىڭ «تارىخى ھەمىدى» سىدە ئېيتىلىشىچە، «ئابدۇرەشىدخان موللا، فازىل شائىر بولۇپ، فارسى ۋە تۈركىي نەزمىلەرنى ياخشى ئېيتۇر ئىدى. ئىلمىي مۇسىقىدا گويا فىساغۇرس سانى (ئىككىنچى فىساغۇرس) ئىدى ...» («تارىخى ھەمىدى» بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى، 1986 يىل، 125 - بەت). شاھ مەھمۇد جۇراسى سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ھەققىدە يەنە مۇنۇلارنى يازغان: «ئۇنىڭ سېخى قولى روھقا مەدەت بېرىدىغان سازلارنى شۇنداق چالاتتىكى، زۆھرەمۇ چىدىيالمىغىنىدىن لال بولۇپ قالاتتى. ئۇ يەنە تەبىئىي ئىقتىدارى بىلەن ھەر خىل ھۈنەر - سەنئەتلەردە كارامەت كۆرسىتەتتى، كۆپ چاغلاردا قەلەندەر سۈپەتتە ساياھەت قىلاتتى.» سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت - سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى زور. ئۇنىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇقامچىلىقى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن، ئەدىب ۋە مۇقام ئۇستازى قىدىرخان، مەلىكە ئاماننىساخان رىياسەتچىلىكىدە ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقام» ى قايتا رەتلەنگەن ۋە راۋاجلاندۇرۇلغان. سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ «رەشىدى» تەخەللۇسى بىلەن ئۇيغۇر ۋە پارس تىللىرىدا نۇرغۇن شېئىرلار يازغانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە شاھ مەھمۇد جۇراسى رەشىدى (زەيلى) دا: «سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ شېئىرلىرى كۆپ ئىدى، ئەمما بۇ قىسقا تارىختا ھەر بىر شېئىرىدىن يۈزدىن بىرى، بەلكى مىڭدىن بىرىنى يازدىم» دەپ، ئۇنىڭ فارسىي شېئىرىدىن ئىككى پارچىنى، ئۇيغۇرچە شېئىرىدىن بىر رۇبائى، ئۈچ غەزىلىنى ئۆز ئەسىرىدە بەرگەن. (مەزكۇر ئەسەر «شاپىگراف نۇسخا»، 75 -، 78 - بەتلەر) بەزى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ «دىۋان رەشىدى»، «سەلاتىننامە»، «كىتاب تەنبىيە ئەنتەربىيە» قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ بولغانلىقى ۋە مىلادىيە 1682 - يىلى يەكەن خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تەختكە چىققان ئاپاق خوجا ئۇنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ يوقاتقانلىقى مەلۇم. شاھ مەھمۇد جۇراسىنىڭ «تارىخى رەشىدى (زەيلى)» ئەسىرى ئارقىلىق بىزگىچە يېتىپ كەلگەن شېئىرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سۇلتان ئابدۇرەشىدخان سۆيگۈ - مۇھەببەت تېمىسىدىكى شېئىرلاردىن تاشقىرى، يەنە ئىجتىمائىي تېمىدىكى شېئىرلارنىمۇ يازغان. ئۇ بۇ شېئىرلىرىدا ئادالەت توغۇرلۇق مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ، ئۆزىنى سەلتەنەت بىلەن مەغرۇرلانماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ. مەسىلەن: «دۇنيا بىر ھۆسنى ئەھلىدەك نامېھرىبانى پېش (شېئىردا «ئاز»، «يوق»، «ئارتۇق» مەنىلىرىدە كەلگەن.) ئەمەس، كىمكى سۆيسە سۇدىدىن «پايدا - نەپ» كۆپرەك زىيانى پېش ئەمەس. دۇنيانى باقى تەسەررۇف تۇتماغىل شەدداددەك نىچە بىر ئىت كەم دېگەندەك ئۇستخۋانى پېش ئەمەس. دۇنياغا فەرزەندى ئادەمنى ئىبەرمەكتىن غەرەز، قۇللىقىم قىلغايمۇ دەپ، بىر ئىمتىھانى پېش ئەمەس. سەلتەنەت تەختىدە مەندۇرمەن دېگەن ئول شاھلەر. جان بېرۇردە بىر گەدايى ناتەۋانى پېش ئەمەس. ئى رەشىدى بولمىغىل مەغرۇر جاھان گۈلزارىغا، قايسى گۈلشەننىڭ گۈلى ئاخىر خازانى پېش ئەمەس.» شائىر ئابدۇرەشىدخاننىڭ تۆۋەندىكى فارسىي شېئىرىنى ئوقۇغاندا، ئۇنىڭ بەدىئىي تەسۋىرىي ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ئوبراز يارىتىشتىكى يۇقىرى ماھارىتى كىشىنى قايىل قىلىدۇ: «گەر قەدەترا سەۋرى گۇيەم، سەرۋە را رەفتار نېسىت، گەر لەبەترا غۇنچە خانەم، غۇنچەرا گۇفتار نېسىت.» (گەر بويۇڭنى سەرۋى دېسەم، سەرۋىنىڭ يوق مېڭىشى، گەر لېۋىڭنى غۇنچە دېسەم، غۇنچىنىڭ يوق سۆزلىشى.) سۇلتان ئابدۇرەشىدخان مىلادى 1560 - يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ جەسىتى يەكەندىكى «ئالتۇنلۇق» مازارىغا دەپنە قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى