UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىقەشقەرلىك ئەيسا موللا (غېجەكچى)

قەشقەرلىك ئەيسا موللا (غېجەكچى)

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئۇ خۇنەنلىك خەنزۇلار بىلەن بىللە تۇرغانلىقى ئۈچۈن خۇنەن شىۋىسىدە ناھايىتى راۋان سۆزلەپلا قالماستىن، بەلكى خۇنەننىڭ يەرلىك پۇرىقىدىكى ناخشا - مۇزىكىلارنى ياخشى ئورۇندايتتى. شۇڭا ئۇنى خەنزۇلارمۇ، ئۇيغۇرلارمۇ <ئەيسا خۇنەن> دەپ ئاتايتتى. ئۇنىڭ ئوغلى توختىمۇ خۇنەنلىك خەنزۇ چېرىكلىرىنىڭ بالىلىرى بىلەن ئويناپ چوڭ بولغاچقا، <توختى خۇنەن> دەپ ئاتالغان. توختى دادىسىدىن خۇنەننىڭ خۇاگۇ تىياتىرىنىڭ ئارىيەلىرىنى ياخشى ئۆگىنىۋالىدۇ. ئۇ دادىسىدىن كېيىن قالغاندا ئۈرۈمچىدە خۇنەننىڭ خۇاگۇ تىياتىرىنى ئويناپ پۇل تېپىپ، جاھاندارچىلىق قىلىدۇ. كېيىن توختى خۇنەنلىك بىر خەنزۇ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئويۇن قويىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ يەنە بىر قانچە ئۆلكىلەرنىڭ يەرلىك شىۋىلىرىنى ئۆگىنىۋالىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى <خەنزۇلارنىڭ 32 خىل زۇۋانىنى بىلىدۇ> دەپ تەرىپلىشىدۇ. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، ئۇ گەنسۇ، چىڭخەي، شەنشىنىڭ ھەرقانداق جايلىرى ۋە خۇنەن، سىچۈەن، تىيەنجىن، بېيجىڭغىچە بارىدۇ. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن توختى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، بىر ئۆمۈر ئويۇن قويۇش بىلەن ئۆتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى