ئەخمەت ئىمىن
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
نەسرچى، ئەدەبىي مۇھەررىر ئەخمەت ئىمىن 1950 - يىل 4 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1957 - يىلدىن 1967 - يىلغىچە ئۈرۈمچىدىكى باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ كاساپىتىدىن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي، يېزىغا چۈشۈپ قايتا تەربىيە ئالغان ھەم ۋاقىتلىق خىزمەت قىلغان. 70 - يىللاردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشتىن سىرت ئوقۇغان، 1981 - يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئەخمەت ئىمىن 80 - يىللارنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئاجىز ساھەلەرنىڭ بىرى بولغان نەسرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇنلىغان ياخشى نەسرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئۇيغۇر نەسرچىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ <قەلب سادالىرى>، <مۇزىكىدىكى سۈرەت>، <پەزىلەت ئىگىسىگە مەدھىيە>، <ئىھ، ئاناماكان>، <نورۇز سەيلىسى>، <ئانا قەسىدىسى>، <غەپلەت ئۇيقۇسىدا>، <بۈركۈتنىڭ كۈلكىسى> قاتارلىق نەسرلىرى جامائەتچىلىك ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. ئەخمەت ئىمىننىڭ بەزى نەسرلىرى مەملىكەتلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن، باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.
ئەخمەت ئىمىن ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان. ئۇ، <ھالاكەت>، <13 - كامېردىكى سىر>، <مۇھەببەت ئۇچقۇنى>، <شېكىسپىر تراگېدىيىلىرى>، <ئالتۇن قەسىدىسى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان، كۆپلىگەن تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن.
ئەخمەت ئىمىننىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <قەلب سادالىرى> (1985 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق نەسرلەر توپلىمى، <باھار تىنىقى> (1992 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق نەسرلەر - پوۋېستلار توپلىمى بار.
ئەخمەت ئىمىن ھازىر كاندات ئالىي مۇھەررىر ھەمدە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.