سۇلتان مامۇت
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
سۇلتان مامۇت تۇغۇلغاندا مەزگىلدە يەكەن ياقۇپبەگ (بەدۆلەت) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغاچقا، ئۇنى يۇشۇرۇپ قويمىغاندا ياقۇپبەگنىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرايتتى. شۇڭا، ئانىسى مامۇتنى يەكەننىڭ چەت بىر يېزىسىدىكى تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ يوشۇرۇن باققان ئىدى. مامۇت ئون ياشلارغا كىرگەندە تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدە پادا بېقىپ يۈرەتتى. خوشنارە خېنىم نەۋرىسى مامۇتنى تاپقاندىن كېيىن لۈكچۈنگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە ئۇنى ۋاڭلىق تەخت ۋارىسى قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئۆلىما بەلگىلەپ، ۋاڭلىق ئوردىسىدا ئالاھىدە تەربىيىلەيدۇ. ليۇ جېنتاڭ 1880 - يىلى مامۇتنى لۈكچۈن ۋاڭلىقىنىڭ تەخت ۋارىسى قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا خانغا مەلۇمات سۇنىدۇ. 1881 - يىلى خاندىن يارلىق چۈشۈپ، مامۇت لۈكچۈن ۋاڭلىق تەختىگە چىقىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسمى سۇلتان مامۇت دەپ ئاتىلىدۇ. 1884 - يىلى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى ئۆلكە قىلىپ بېكىتىدۇ. ليۇ جېنتاڭ ئۆلكىگە باش مۇپەتتىش بولىدۇ. ئۆلكە قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي شىنجاڭدا ساقچى تۈزۈمى يولغا قۇيۇلۇپ، خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى چەكلىنىدۇ. لۈكچۈندە ۋاڭلىق جاساقلىق تۈزۈمى ساقلىنىپ قالىدۇ.
سۇلتان مامۇت لۈكچۈندە ۋاڭلىق تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن خەلقىنىڭ قان - تەرى بەدىلىگە ئوردىدا ئەيش - ئىشرەت، كەيىپ - ساپالىق تۇرمۇشتا ياشايدۇ. سۇلتان مامۇت ئۆزىگە 50 دەك قوغدىغۇچى ياشلارنى يىغىۋېلىپ، زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىپ يۈرىدۇ. سۇلتان مامۇتنىڭ زۇلمى ھەددىن ئاشقانلىقتىن 1887 - يىلى 5 - ئايدا تۇيۇق ۋە ياڭخىدىكى لىگالار جەمەتىدىن بولغان جېلىل لىگانىڭ باشچىلىقىدا خەلق ئاممىسى ۋاڭلىققا قارشى قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ لېكىن ۋاڭلىقنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرىدۇ. سۇلتان مامۇت ۋاڭ زالىملىقتا يەنىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، 1899 - يىلى پىچاننىڭ مۇرەن مەھەللىسىدىكى بىر تۆمۈرچىنىڭ قىزى ئالانۇرخاننى كىچىك خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولىدۇ. ئالانۇرخاننىڭ جېلىل ئىسىملىك بىر يىگىتى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەنىدى، شۇڭا ئالانۇرخان سۇلتان مامۇت ۋاڭغا تېگىشنى رەت قىلىدۇ. سۇلتان مامۇت ۋاڭنىڭ ئادەملىرى ئالانۇرخان ۋاڭنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇشقا كۆزى يەتمەي بىر دانە ئۇستۇرىنى يۇشۇرۇن ساقلايدۇ. سۇلتان مامۇت ھەشەمەتلىك توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ، ئالانۇرخاننى كىچىك خۇتۇنلۇققا ئالىدۇ، ئەمما توي تۈگەپ ھۇجرىغا كىرگەندە ئالانۇرخان تەييارلاپ قويغان ئۇستىرىنى سۇلتان مامۇت ۋاڭنىڭ قورساق، يوتىلىرىغا ئۇرۇپ ئۇنى ئېغىر يارىلاندۇرۇپ، ئۆزىنى ئېگىز ئوردىنىڭ پەنجىرىسىدىن تاشلاپ ئۆلىۋالىدۇ. ئوردا بەگلىرى سۇلتان مامۇتنىڭ بۇ سەتچىلىكىنى خەلقتىن يوشۇرۇپ، «ۋاڭغا جاراھەت چىقىپ قالدى، ئۆرتەڭگە ئېلىپ بېرىپ ئارشاڭغا چۈشۈرىمىز» دەپ ئۆرتەڭ غولىغا ئېلىپ ماڭىدۇ. سۇلتان مامۇت ۋاڭ قانسىراپ كەتكەنلىكتىن 1900 - يىلى 4 - ئايدا 35 ئايدا يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ۋاڭلىقى ئاخىرلىشىدۇ.