UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىداۋۇت چىنۋاڭ

داۋۇت چىنۋاڭ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى 1942 - يىلى كۇچالىق ۋاڭ ئەۋلادلىرىدىن مۇھەممەت سېيىت خوجا، گەندەي خوجىنىڭ ئوغلى توختى خوجىلار شېڭ شىسەيگە ۋاڭ، گۇڭ، ئاخۇن، لامالارنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇقىنى مەڭگۈ ساقلاش سياسىتى بويىچە، داڭلىق بىزگە بېرىلسە، دەپ ئەرز يازىدۇ. شېڭ شىسەي شۇ چاغدىكى كۇچانىڭ ھاكىمىغا كۇچادىكى ۋاڭ ئەۋلادلىرىدىن مۇۋاپىقراق بىرىنى ۋاڭ قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرىدۇ. ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، كۇچا خانىقادا يىغىن ئېچىلىدۇ. يىغىندا «مەھپۇز ۋاڭنىڭ پۇشتىدىن بولغان خوجىنىڭ داۋۇت خوجا دېگەن ئوغلىنى بالا قىلىپ بېقىۋالغان، شۇنى ۋاڭ قىلساق» دېگەن پىكىر كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. شېڭ شىسەيگە مەلۇم قىلغاندىن كېيىن شۇ يىلى 6 - ئايدا تەستىق كېلىپ، داۋۇت ۋاڭ كۇچاغا چىنۋاڭ بولىدۇ ۋە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلىپ 1945 - يىلىغىچە ئوقۇيدۇ. قايتىپ كېلىپ ناھىيىلىك بانكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كېيىن كۇچا، توقسۇن، شايادىن ئىبارەت ئۈچ ناھىيە گومىنداڭ فىرقىسىنىڭ تەپتىشى، گومىنداڭنىڭ ئاقسۇدىكى دىۋىزيىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئۆلكىلىك كېڭەش ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن خانىقتام رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە كۇچا لىن جىلۇ خاتىرە سارىيى قاتارلىق ئورۇنلاردا تەرجىمان، كۇچا ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
داۋۇت چىنۋاڭ | UyghurWiki | UyghurWiki