UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئەخمەتجان ئوسمان

ئەخمەتجان ئوسمان

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ئەخمەتجان ئوسمان 1964 - يىلى ئۈرۈمچىدە ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغاندىن كېيىن، 1981 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1982 - يىل 10 - ئايدا دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن سۈرىيە دەمەشىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن، 1988 - يىلغىچە شۇ يەردە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن. ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردىلا باشلانغان. ئاشۇ يىللاردىلا بىر تۈركۈم بالىلار شېئىرلىرىنى يېزىپ دىققەتكە سازاۋەر بولغان. سۈرىيىدە ئوقۇش جەريانىدا ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ بىر تۈركۈم شېئىرلارنى يېزىپ، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. ئۇنىڭ <ئىككىنچى يىقىلىش>، <تويلار تىلسىمى> قاتارلىق شېئىرتوپلاملىرى ئەرەب تىلىدا ئېلان قىلىنغان. ئەخمەتجان ئوسماننىڭ <ئۇيغۇر قىزى لېرىكىسى> ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1992 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئەخمەتجان ئوسمان ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەخمەتجان ئوسمان | UyghurWiki | UyghurWiki