UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىغولام خوجا

غولام خوجا

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى غولام خوجا ئىمىن خوجىنىڭ 4 - ئوغلى بولۇپ، ئاتىسى ئىمىن خوجا، ئاكىلىرى سۇلايمان خوجا، مۇسا خوجىلار چوڭ - كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنى تىنجىتىش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپتە يۈرگەن مەزگىللەردە غولام خوجا لۈكچۈن ۋاڭلىقىنىڭ ئومۇمىي ئىشلىرىنى ۋە ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرغانىدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇنى 2 - دەرىجىلىك توز پېيى قادالغان مەرتىۋە قالپىقى بىلەن مۇكاپاتلاپ، ياردەمچى تەيجىلىككە تەيىنلەيدۇ. 1766 - يىلى مۇساگۇڭ كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى غولام خوجىنى ئىلىغا ھاكىمبەگلىككە تەيىنلەيدۇ. غولام خوجا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن غولام بەگ دەپ ئاتىلىدۇ. ئىلىنىڭ تىنچ - ئامانلىقىغا كېپىللىك قىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە غولامنىڭ ئوغلى مەلىكىزاتمۇ ئاتىسىغا ياراملىق ياردەمچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. شۇ سەۋەبتىن پادىشاھ چيەنلۇڭنىڭ يارلىقى بىلەن غولامغا بىرىنچى دەرىجىلىك تەيجى مەنسىپى، ئوغلى مەلىكىزاتقا 5 - دەرىجىلىك مەنسەپ قالپىقى بېرىلىدۇ. 1768 - يىلى غولام خوجا بەگلكىنى ئوغلى مەلىكىزاتقا ئۆتكۈزىدۇ. 1867 - يىلى ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلغاندا، مەرەمزات سۇلتان بولىدۇ. كېيىن قوزغىلاڭچىلار ئىچىدە ئىچكى نىزا پەيدا بولۇپ، مەرەمزات سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىمىن خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ ئىلىدىكى ھاكىمبەگلىك ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى