UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمۇھەممەت ئېلى ھاجىم شاڭخەي

مۇھەممەت ئېلى ھاجىم شاڭخەي

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى مۇھەممەت ئېلى ھاجىم شاڭخەي قەشقەر شەھىرى جانقورغانلىق كاتتا سودىگەر تۇردى ئاخۇننىڭ 3 - ئوغلى بولۇپ، ئۇ 1870 - يىلى تۇغۇلغان. ئۇ ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن دىنىي بىلىم ئالغان. 1898 - يىللاردىن باشلاپ ئاكىسى ئەبرازباي، ئەسىرا بايلار بىلەن بىرگە چارروسىيىدە سودا بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن قەشقەرلىق ئاخۇنباينىڭ نەۋرىسى كېرەم ئاخۇن ھاجىنىڭ (كېرەم ئاخۇن بايۋەتچى) نىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردىكى سىچۇەن، چىڭدۇ، خاڭجۇ، سۇجۇدا تۇرۇشلۇق سودا ۋەكىللىرى بىلەن بىللە ئىچكى ئۆلكىلەرگە سودا قىلىپ كىرگەن. كېيىن كېرەم ئاخۇن ھاجىمنىڭ سۇجۇ، خاڭجۇدىكى سودىسىنى ۋاكالىتەن باشقۇرغان ھەم ئۆزى يەككە تىجارەت قىلغان. ئۇ سۇجۇدىن شاڭخەيگە قاتناپ سودا قىلىش جەريانىدا شاڭخەي شەھىرىنىڭ ھازىرقى فۇجۇلۇ دېگەن يېرىدىكى پاكىستان مەسچىتى يېنىدىن ئىككى پارچە يەر سېتىۋېلىپ، سودا - ساراي ۋە ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئاچقان. بۇ كۈنلەردە پاكىستانلىقلار بېجىرىپ بەرگەن ۋېزا بىلەن ئىچكىرىسىنىڭ يىپەك توقۇلمىلىرىدىن تاۋار، دۇردۇن، خام يىپەك ۋە شىنجاڭدىن ئېلىپ كەلگەن بۇغا، بۆكەن مۈڭگۈزى، ئەلتىرە (مارىيە)، كۇچا كۆرپىسى قاتارلىق ماللارنى ئېلىپ دېڭىز يولى بىلەن تۈركىيىگە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ سودا قىلغان ۋە تۈركىيىدە بىر تۈرك ئايالغا ئۆيلەنگەن. كېيىن ياپونىيە ئارقىلىق نەنجىنگە قايتىپ كەلگەن. نەنجىندە كىچىك تىپتىكى بىر سەرەڭگە زاۋۇتى ۋە سوپۇن زاۋۇتى قۇرۇپ كارخانا باشقۇرغان ۋە شاڭخەيدىكى سودا - سارىيى ۋە ئاشخانىسىنى ئىشقا سېلىپ، شىنجاڭ ۋە چەت ئەللىك مۇسۇلمان سودىگەرلەرنى جەلپ قىلغان.1931 - يىلى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ، شىنجاڭ ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالغاندىن كېين، ئۇ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىشكە ئامالسىز قالىدۇ. شاڭخەي ئازاد بولۇش ئالدىدا شىنجاڭغا قايتىپ قەشقەرگە كېلىدۇ. 1950 - يىلى تۈركىيە، ياپونىيىدە سودا قىلغانلىقى ئۈچۈن چەت ئەل جاسۇسى دېگەن نام بىلەن قولغا ئېلىنىپ 15 يىل كېسىلىپ كېتىدۇ. 1952 - يىل ئاخىرىدا كېسەل بىلەن 82 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. مۇھەممەد ئېلى ھاجىم شاڭخەي بىزگە مەلۇم بولغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شاڭخەيدە سودا - ساراي قۇرغان تۇنجى ئۇيغۇر سودىگىرى ئىدى. ئۇنىڭ شاڭخەي فۇجۇلۇدا قۇرغان سودا - سارىيى 100 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ چۈشىدىغان سودا - سارىيى. فۇجۇلۇدىكى ھازىرقى خۇيزۇلار باشقۇرغان ئاشخانا ئۇيغۇرلار (مۇسۇلمانلار) ئاشخانىسى ئىدى. پېشقەدەملەر ۋە ھازىرغىچە شاڭخەيگە بارغان مەيلى سودىگەر، مەيلى ساياھەتچىلەر بولسۇن بۇ كىشىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ، مۇھەممەد ئېلى ھاجىم شاڭخەي دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مۇھەممەت ئېلى ھاجىم شاڭخەي | UyghurWiki | UyghurWiki