UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىۋاھىتجان غۇپۇر

ۋاھىتجان غۇپۇر

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ۋاھىتجان غوپۇر 1951 - يىل 12 - ئايدا مارالبېشى ناھىيسىنىڭ ئاۋات يېزىسىدا خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا ئوقۇپ تاماملىغان، 1973 - يىلدىن 1979 - يىلغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزى ئوقۇغان فاكۇلتېتقا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان، ھازىر قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ۋاھىتجان غوپۇر 1964 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى>دە ئېلان قىلىنغان <ئاچقاندا ۋاراق> ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ، بولۇپمۇ 80 - يىللاردىن بۇيان ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <بىر مۇھەببەتنىڭ تارىخى> قاتارلىق داستانلارنى، <ئىېتىزىمغا ئېرىق چاپقاندا>، <سەرەڭگە>، <پىچاق ۋە بىلەي> قاتارلىق نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى يازغان. ۋاھىتجان غوپۇر يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى. ئۇ، ئۇزاقتىن بېرى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى> ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابنى، <يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە تىلى گۈزەل بولۇش>، <لۇتفى ۋە ئۇنىڭ >گۈل ۋە نەۋرۇز< داستانى ھەققىدە>، <ناۋائىي ۋە ئۇنىڭ >مەھبۇبۇلقۇلۇب< ئەسەىرى ھەققىدە>، <مەدەنىي مىراس ۋە ۋارىسلىق> قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنى يازغان، بىر مۇنچە كىتابلارنى نەشرگە تەييارلىغان. ۋاھىتجان غوپۇرنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <قاينام> (1986 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <كېچىكىپ كەلگەن ئەقىل> (1986 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرىي مەسەللەر توپلىمى، <ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى> (ئەسقەر ھۈسەيىن بىلەن بىللە، 1985 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ئىلمىي ئەسىرى، <رېئاللىق، ئىزدىنىش ۋە بەدىئىي ئىجادىيەت> (1986 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) قاتارلىقلار بار. ۋاھىتجان غوپۇر ھازىر پروفېسسور، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى