UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئىمىن ۋاڭ

ئىمىن ۋاڭ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى سۇلتان مامۇت ۋاڭ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بەگ لۈكچۈننىڭ ۋاڭلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. 1902 - يىلى پىچان رەسمىي ناھىيە بولۇپ قۇرۇلىدۇ. بۇ مەزگىلدە لۈكچۈن ۋاڭلىقى چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن ئوتۇغات قىلىپ بېرىلگەن بىر قۇرۇق ئۇنۋانغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ۋاڭغا قاراشلىق يەرگە ئىشلەيدىغان دېھقانلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئوتاقچى دېھقانلارغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئىمىن ۋاڭ باشلىق لۈكچۈن ۋاڭ ئەۋلادلىرى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھىمايىسىدا، يەر ئىجارىسى، سۇ ھەققىنى ئاشۇرۇپ ۋە سۇ، كارىز، يەر سېتىۋېلىپ بايلىق توپلاشقا كىرىشىدۇ. ئىمىن ۋاڭ تەختكە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، يەنى 1904 - يىلى قۇمۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇتنىڭ قىزى فۇجۇڭ خېنىمغا ئۆيلىنىدۇ. بۇ توي خەلقنىڭ قان - تەرى بەدىلى بىلەن ئىنتايىن ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئىمىن ۋاڭلىق مەنسىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، كەيپ - ساپالىق، ئەيش - ئىشرەتلىك تۇرمۇشقا بېرىلىپ كېتىدۇ. كېيىنچە ئەپيۇن چېكىشنى ئۆگىنىپ، ۋاڭلىقنىڭ نۇرغۇن بايلىقى ۋە مال - مۈلۈكنى كۈلگە ئايلاندۇرىۋېتىدۇ. خورلۇق، ئېزىلىشكە چىدىمىغان تۇيۇق، ياڭخې خەلقلىرى 1909 - يىلى ياڭخېلىق ئامىر دورغا باشچىلىقىدا ئاتلىق قوشۇن تەشكىللەپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، لۈكچۈن ۋاڭلىق ئوردىسىغا يەنە بىر قېتىم باستۇرۇپ كىرىدۇ. تۇرپاندىكى چېرىكلەرنىڭ ياردىمى بىلەن قوزغىلاڭ باستۇرۇلىدۇ. بۇ قوزغىلاڭ لۈكچۈن تارىخىدا «ئامىر يېغىلىقى» دەپ ئاتىلىدۇ. 1931 - يىلى 3 - ئايدا يەنە بىر قېتىم قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلايدۇ. تۇرپان، پىچان، توقسۇنلارغىچە كېڭىيىدۇ. ئاستانىلىك مەخسۇت مۇھىتى 1932 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تۇرپان، پىچان، لۈكچۈن، توقسۇنلاردىكى خەلقنى تەشكىللەپ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ماسلىشىدۇ. بۇ چاغدا ئىمىن ۋاڭنىڭ ئوغلى مەتسايىت ۋاڭ قۇمۇل، تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى تەرەپتە تۇرىدۇ. 1933 - يىلى 2 - ئايدا جىن شۇرېن ئۆلكە قىسىملىرى ۋە پىتىراپ يۈرگەن قاچقۇن رۇس ئەسكەرلىرىنى تەشكىللەپ، لۈكچۈندە تۇرۇۋاتقان قۇمۇل - تۇرپان قوزغىلاڭچى قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلغاندا، جىن شۇرېن قوشۇنلىرى ۋە ئاق رۇس ئەسكەرلىرى لۈكچۈن خەلقىنى قانلىق قىرغىن قىلىدۇ، ئاممىنى بۇلاپ تالايدۇ، لۈكچۈن ۋاڭ ئوردىسىغا ئوت قويۇۋېتىدۇ. ئىمىن ۋاڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بىلەن ئوردىدا كۆيۈپ ئۆلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئىمىن ۋاڭ | UyghurWiki | UyghurWiki