UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئالىمجان ئىسمايىل

ئالىمجان ئىسمايىل

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئالىمجان ئىسمايىل 1941 - يىلى چۆچەك شەھىرىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى چۆچەكتە ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن، 1955 - يىلى سابىق ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن، بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كورلىغا كېلىپ <بايىنغۇلىن گېزىتى> ئىدارىسىدا، بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق ۋە كورلا شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتلىرىدا، 1980 - يىلدىن باشلاپ <بوستان> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، 1984 - يىلدىن باشلاپ <تارىم> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىمەكتە. ئالىمجان ئىسمايىلنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 60 - يىللاردا ئەدەبىي ئاخبارات، ئۇچېرك يېزىشتىن باشلانغان، 1979 - يىلى <بوستان> ژۇرنلىدا ئېلان قىلىنغان <ساداقەت> ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئۆزىنىڭ پرزىچىلىق ھاياتىنى باشلىغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ <نەشپۈت ئۈزگەن كۈنلەردە>، <ئىجارە ھەققى>، <ئۆمۈرئىزى>، <ساداقەت> قاتارلىق 40 پارچە ھېكايىسى؛ <تەقدىر>، <يۇلتۇزلار جىمىرلايدۇ>، <يىغلىما قىز> قاتارلىق 10 پارچە پوۋېسىتى ۋە باشقا ژانىرلاردىكى بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىپ، مەلۇم تەسىر قوزغىغان. ئالىمجان ئىسمايىل 80 - يىللاردا ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، پروزىچىلىقتا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئالىمجان ئىسمايىلنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <دەسلەپكى مۇھەببەت> (1985 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <تەقدىر> (1986 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <يىغلىما قىز> (1993 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە - پوۋېسىتلار توپلىمى، <يۇلتۇزلار جىمىرلايدۇ> (1990 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، <ئوي مەھەللىنىڭ ئادەملىرى> (1996 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەسەرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزلگەن، بەزى ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئالىمجان ئىسمايىل ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئالىمجان ئىسمايىل | UyghurWiki | UyghurWiki