UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئوراز بەگ

ئوراز بەگ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئوراز بەگ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى باسمىچى قىرغىزلاردىن بولۇپ، 1933 - يىلى قەشقەرگە قېچىپ كېلىدۇ. ئوسمان ئېلى ماشاۋۋۇ (مادوتەيگە) قارشى ئىسيان قىلغاندا، ئوسمان ئېلى قولىدا ئەسكەر، ليەنجاڭ، كېيىن تۈەنجاڭ بولىدۇ. ئسھاقبەك شۇ چاغلاردا ئوراز بەگنىڭ قولىدا ئەسكەر، بەنجاڭ بولىدۇ. ئىسھاقبەك شۇ چاغلاردا ئوراز بەگنىڭ قولىدا ئەسكەر، بەنجاڭ بولىدۇ. ئىسھاقبەگ يۇرتىدا ئىشلەشنى تەلەپ قىلغاندا، ئوراز بەگ ئسىھاق بەگنى پەيجاڭلىققا كۆتۈرۈپ، سىمخانىنى ساقلاشقا چىقىرىدۇ. ئورازبەگ قەشقەردە ئاتالىمىش «شەرقىي تۈركىستان ھۆكىمىتى» قۇرۇلغاندا، دۆلەت مۇداپئە نازىرى بولىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغچاتتا تۇرغان 4 - ئامىيىسىدىكىلەر بىلەن ئۇنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق بولغانىكەن. ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى» ئاغدۇرۇلغاندا ئۇ ئۇلۇغچات تاغلىرىغا قېچىپ بېرىۋالىدۇ ۋە شۇ يەردە غايىب بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئوراز بەگ | UyghurWiki | UyghurWiki