ئىمىر ھۈسەيىن سەبۇرى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئىمىر ھۈسەيىن سەبۇرى 19 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قەشقەر شەھىرىگە قاراشلىق قوغان يېزىسىدا نامرات ئائىلىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئىلىم - مەرىپەتكە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان سەبۇرى قەشقەردىكى باشلانغۇچ ۋە يۇقىرى بىلىم يۇرتلىرىدا (مەدرىسلەردە) جاپاغا چىداپ تىرىشىپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ، زامانىسىنىڭ يېتىلگەن ئىلىم ئەھلىگە ئايلانغان. ھاياتى تولىمۇ غۇربەتچىلىكتە ئۆتۈۋاتقان شائىر تۇرمۇشىنىڭ ئېغىر بېسىملىرىغا تىز پۈكمەي ئىزچىل ئىجادىيەت، ئىلمىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ بۇ روھىدىن تەسىرلەنگەن ۋە شائىرنىڭ ئىستېدات، ئىقتىدارىغا قايىل بولغان قەشقەر ھۆكۈمدارى زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ شائىرغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا كېپىللىك قىلىش ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش نىيىتىدە، ئۇنىڭغا قەشقەر شەھىرىنىڭ تۆمەن دەرياسى بويىدىكى ھەرەمباغ يېزىسىدىن بىر بۆلۈك يەر ۋە سۇ تەقسىم قىلىپ بەرگەن. سەبۇرى ئائىلىسى بىلەن بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ بىر چەتتىن دېھقانچلىق قىلىپ، يەنە بىر چەتتىن ئىجادىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان ۋە 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ۋاپات بولغان.
سەبۇرى ئەسەرلىرىدىن ھازىرچە بىزگە مەلۇم بولغىنى «نەۋائىنىڭ ئادالەتپەرۋەرلىكى توغرىسىدا»، «دىۋان سەبۇرى» ۋە «ماقالات» دىن ئىبارەت.
سەبۇرى «ماقالات» نى نەسرىي تۈرنىڭ سەجئە (نەسرى ئەسەرلەردىكى قاپىيىلىك چۈشۈرگە) شەكلىگە مۇراجىئەت قىلىپ، كلاسسىكلىرىمىزنىڭ ماقالات تۈزۈش ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلغان ھالدا نەۋائىنىڭ «خەمسە» سىدىكى «ھەيرەتۇلئەبرار»، مەشھۇر پەلسەپىۋى داستانى «لىسنۇتتەير» گە جاۋابەن يېزىپ چىققان ۋە مەزمۇن، ئۇسلۇب جەھەتتىن ئىمكانقەدەر يۇقىرىقى ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇن ۋە ئۇسلۇبىغا سادىق بولۇشقا تىرىشقان. «ماقالات» تا يەنە نەۋائىنىڭ يىرىك ئەسىرى _ «مەھبۇبۇلقۇلۇب» نىڭ تەسىرىمۇ خېلى كۈچلۈكتۇر. دېمەك، سەبۇرى ئۆزىنىڭ بۇ ئەمگىكىدە نەۋائىنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىگە ئىجادىي ياندىشىدۇ ۋە كۆپلەپ ئوزۇق ئالىدۇ.
سەبۇرىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بۇ ئەسىرى 20 بابتىن قۇرۇلغان بولۇپ، مەزمۇنىنىڭ مول ۋە چوڭقۇرلۇقى، بەدىئىي سەۋيىسىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن كۆزگە تاشلىنىدۇ. ئەدىب شەرق كلاسسىكلىرىنىڭ دىداكتىك پەلسەپىۋى داستانچىلىق، ماقالاتچىلىق ئەنئەنىسىنى ئىجادىي ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئۇسلۇب يارىتىپ، كىشىلىك ئەخلاقى ۋە زامانغا بولغان قاراشلىرىنى سىمۋوللۇق پېرسوناژلار، يۇمۇرلۇق، ھەجۋى ۋاسىتىلەر، ئىبرەتلىك پارچە، مەسەللەر ياردىمىدە جانلىق، ئوبرازلىق قىلىپ ئىپادە قىلىدۇ.
«ماقالات» 1842 -، 1843 - يىللار ئارىلىقىدا يېزىلغان. ئەدىبنىڭ ئۆز قول يازما ئەسىرى قەشقەر شەھەر ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىمىر ھەسەن قۇتلۇق ھاجى تەرىپىدىن ساقلانغان بولۇپ، 1962 - يىلى 17 - ئېيۇلدا بۇرھان ئەپەندىگە تەقدىم قىلىنغان. بۇرھان ئەپەندى بۇ تەۋەررۈك ئەسەرنى ئاپتونوم رايونلۇق قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
ئەدىب ئىمىر ھۈسەيىن سەبۇرىنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق.