قۇتلۇق شەۋقى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئۇيغۇر زامان ئەدەبىياتىنىڭ باشلىنىشىدا شائىر، نەشرىياتچى قۇتلۇق ھاجى شەۋقى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
قۇتلۇق شەۋقى 1876 - يىلى قەشقەردە ئابدۇرەھىم بەگ ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر كىشى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دەسلەپكى بىلىمنى ئۆز يۇرتىدا ئالغاندىن كېيىن، دادىسى بىلەن ھەرەمگە بېرىپ ھاجى بولغان ۋە قاھىرەدىكى «جامىئۇل ئەزھەر دارىلئۇلۇم» دا، تۈركىيىگە كېلىپ ئىستانبۇلدا ئوقوغان، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يەنە بۇخارادا ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئۆز زامانىسىنىڭ توشقان ئىلىم ئىگىسى بولۇپ تونۇلغان.
ئەينى چاغ دۇنيا ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن مەزگىل بولۇپ، ئەرەب ئەللىرى، كىچىك ئاسىيا، روسىيە ۋە ئوتتورا ئاسيانىڭ روسىيىگە قاراشلىق جايلىرىدا بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى ۋە دېموكراتىك ئىنقىلابى ۋە بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىق دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنىدى. بۇ ھال چەت ئەلدە خېلى ئۇزۇن تۇرغان قۇتلۇق شەۋقىنىڭ ئېڭىغا ئۆز تەسىرىنى سىڭدۈرمەي قالمىدى. فېئودالىزمغا قارشى كۆتۈرۈلگەن بۇ بۇرژۇئا دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە، شىنجاڭدىمۇ بىر خىل ئىسلاھات، يېڭىلاش ئېقىمى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقى قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ بىر قىسىم ئىلغارلىرى فېئوداللىق ئاسارەت ئىچىدىن بۆسۈپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەڭ دائىرلىك ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تونۇلدى. قۇتلۇق ھاجى ئەنە شۇ مەزگىلدە «شەۋقى» تەخەللۇسى بىلەن يازغان بىز قاتار سىياسىي لىرىكا، ماقالىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ ئىسلاھات، يېڭىلاش، مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بىر جەڭچىسى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.
قۇتلۇق ھاجى شەۋقى بىر شېئىرىدا:
««بىر قىلىچ بەرسە خۇدا، كەس دەپ ئۇنىڭغا بۇيرۇسام،
ئۈزسە خەلقنىڭ بوينىدىن خارلىق كىشەن - زەنجىرىنى.
گەر خارابكەن ئەل - ۋەتەن، كاللامنى ئۈزسۇن ئۇ قىلىچ،
كۆرمىسۇن شەۋقى كۆزى قۇللۇقتا ئەل تەقدىرىنى.
دەپ يېزىپ ئۆز ئىرادىسىنى شېئىرىي مىسرالار ئارقىلىق ئېچىپ كۆرسەتكەنىدى.
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ باشلنىش دەۋرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ئەدەبىيات ۋەكىللىرىنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنى ۋە دەۋر ئۆز ئالدىغا قويغان تەلەپلەرنى توغرا تونۇپ سىنىپىي، مىللىي زۇلۇم ئاسارىتىدە قالغان، جاھالەت، قاششاقلىقتا ئۇخلاپ ياتقان خەلقنى ئويغىتىپ، ئىلىم - مەرىپەت ئىگىلەش ئۈچۈن كۈرەشكە چاقىرىشىتىن ئىبارەت بولۇپ، قۇتلۇق شېئىرلىرىدا بۇ خىل ئىدىيە ئۆزىنىڭ روشەن ئىپادىسىنى تاپقان. ئۇ، «ئويغاندى» ناملىقق شېئىرىدا ئۆز خەلقىگە مۇنداق خىتاب قىلغانىدى:
«كۈرەش قىلساق ئەرك ئۈچۈن، ئەركىنلىكتە ياشايمىز،
ئەزىز خەلقىم كۆزۈڭ ئاچ، يەر ۋە ئاسمان ئويغانىدى.
ئويغانغانلار ياشنىدى، ئۇخلىغانلار قاخشىدى،
قايغۇرمىساڭ ھالىڭغا، شۇم زېمىستان ئويغاندى.
ئويغىنايلى ئۇيقۇدىن، ئەمدى ئۇخلاش بىزگە يات،
ئىلىم - ئىرپانلار ئۈچۈن بارچە جاھان ئويغاندى.»
ۋەتەنپەرۋەرلىك - ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر ئەنئەنىۋى تېما. مۇشۇ ئەسىرنىڭ يېشىدا بارلىققا كەلگەن زور ئىجتىمائىي ۋەتەن ساتقۇچ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ۋە ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى بولغان فېئوداللىق جاھالەت، دىنىي ئاسارەت ھامىيلىرىنىڭ قاراقچىنى دوست تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنى تالان - تاراج قىلىشىغا يول قويۇپ بېرىشىدەك ئىجتىمائىي رېئاللىق قۇتلۇق شەۋقى قاتارلىق ئويغانغان زىيالىيلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنىڭ ئۇرغۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى. ئۇلار شۇ دەۋر ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولغان «ئويغىنىش» نى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى يۈكسىلىشكە ئىگە قىلدى. شائىر قۇتلۇق شەۋقى ئۆزىنىڭ قەشقەر ھەققىدىكى غەزىلىدە مۇنۇلارنى يازدى:
«كۆرمىگىل قەشقەرنى كەم، بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر،
ھەزرىتى سۇلتان بۇغرايى خاقانلار ياتۇر.
خەلق ئۈچۈن قۇربان بولۇپ، دۈشمەن بىلەن قىلغان كۈرەش،
ئول شەھىدۇ، قەھرىمان ئالىپ ئارسلانلار ياتۇر.
نۇر چېچىپ <قۇتادغۇبىلىك> خەلقنى قىلغان بەختىيار،
يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئوخشاش ئەھلى ئېرپانلار ياتۇر.
يادىكار ئەيلەپ جاھانغا يازدى <دىۋانى لۇغەت>،
مەھمۇدىل كاشىغەر كەبى ئەھلى شەرەپ - شانلار ياتۇر.
ئەيلىگەن <شەۋقى > نى مەپتۇن ئەل ئۈچۈن نۇرلار چېچىپ، بۇ شەھەردە كۆپلىگەن خەلق ئوغلى ئىنسانلار ياتۇر.»
20 - يىللارنىڭ بېشىدا ۋە 1924 - يىلى قەشقەردە مىخ مەتبەدە بېسىلغان «ئويغان ۋە ئىنقىلاب ئەشئارلىرى»، «ئاسارەت ۋە زالالەتكە ئوت ياق» ناملىق شېئىر توپلاملىرىغا قۇتلۇق شەۋقىنىڭ يۇقىرىقىدەك مەزمۇندىكى شېئىرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، «بۇ شېئىرلارنىڭ ھەممىسىدىن دېگۈدەك خەلقنىڭ چەت ئەل ئىمپېرىيالىستلىرى بىلەن فېئوداللارنىڭ زۇلمى ھەم ۋەھشىيلىكلىرىگە قارشى قۇدرەتلىك ئىسيان ساداسى گۈركىرەيدۇ» (نۇر مۇھەممەد زامان: «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ»، «تارىم»، 1986 - يىل، 11 - سان، 112 - بەت)
قۇتلۇق شەۋقى پائالىيىتىنىڭ يەنە بىر گەۋدىلىك تەرىپى، ئۇنىڭ قەشقەردە نەشىرىياتچلىق ئىشلىرىنى يولغا قويغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. ئۇ 1918 - يىلى تۇنجى قېتىم قەشقەردە ئۇيغۇر تىلىدا «ئاڭ» گېزىتىنى نەشىر قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، دېموكراتىڭ ئىدىيىنى تەشۋىق قىلدى. گەرچە ئەكسيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ پېچەتلىشى بىلەن بۇ گېزىت مەلۇم مەزگىل چىقىپلا توختاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەسىرى ۋە ئۇيغۇر گېزىتچىلىكى تارىخىدا كۆرسەتكەن خىزمىتى زور بولدى. ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ئىستەك - غايسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي كۈرەش قىلغان شائىر قۇتلۇق شەۋقى 1933 - يىلى باشقىدىن «ئەركىن ھايات» گېزىتىنى چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولدى. بۇ گېزىت مەلۇم مەزگىل چىقىپ توختىتىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا قەشقەردە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر مەدەنىيەت - ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» ۋە قەشقەر مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تىرىشچانلىقى ھەم زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا «يېڭى ھايات» گېزىتى نامى بىلەن قايتا يورۇق كۆردى، 1936 - يىلى قەشقەر «شىنجاڭ گېزىتى» گە ئۆزگەرتىلدى ۋە ئازادلىققا قەدەر نەشىر قىلىنىدى.
قۇتلۇق شەۋقى تارىخىي بىلىملەرنى ئەتراپلىق ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلغان، بولۇپمۇ ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە ئەدەبىيات تارىخىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنىدى. ئۇ ئۆزى نەشىر قىلغان ۋە باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن گېزىتلەردە كۆپلىگەن جەڭگىۋار شېئىر، ماقالىلەرنى ئېلان قىلىش بىلەنلا قالماستىن يەنە نۇرغۇنلىغان تارىخى بىلىملەرنىمۇ تونۇشتۇرغان ھەمدە شۇ مەزگىللەردە قەشقەردە ئېچىلغان پەنىنى مەكتەپلەردە تارىخ دەرسى ئۆتۈپ، ئەۋلادلارنى تەربىيلىگەنىدى.
قۇتلۇق ھاجى شەۋقى 1937 - يىلى ئاپرېلدا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، قەشقەر شەھىرى ياۋاغ تېرەكلىك تۈرمىسىگە تاشلاندى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى جاللاتلىرى ياۋاغ تۈرمىسىگە ئوت قويۇۋەتتى. تۈرمىدە كۆيدۈرۈلۈپ، پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلگەنلەر قاتارىدا قۇتلۇق ھاجى شەۋقىمۇ بار ئىدى.
قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ئۆزىنىڭ 61 يىللىق ھاياتىدا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى، مەدەنىيەت - ئاقارتىش، نەشىرىياتچىلىق ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپە قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئىجادىي مىراس ئەدەبىياتتىن باشقا يەنە تارىخ، پەلسەپە قاتارلىق ساھەلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. ئۇنىڭ «تارىخى ئەسەر ۋاقىئى كاشىغەر» ناملىق ئەسىرى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيىدا ساقلانماقتا.