UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىيوللۇغ تېكىن

يوللۇغ تېكىن

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى كۆك تۈرك خاقانلىقىنىڭ خاقانى بىلگە (ۋاپاتى مىلادى 734 - يىل) خاتىرىسىگە 735 - يىلى ئورنىتىلغان مەڭگۈ تاشنىڭ غەربىي - جەنۇبىي يۈزىگە ئويۇلغان: «بىلگە خاقان بىتىگىن يوللۇغ تىكېن بىتىدىم. بۇنچا بارقىغ بەدىزىگ ... قاغان ئاتىسى يوللۇغ تېكىن مەن ئاي ئارتۇقى تۆت كۈن ئولتۇرۇپ بىتىدىم، بەدىزتىم...» (مەنىسى: «بىلگە خاقان <مەڭگۈ تاش>» تېكىستىنى مەنكى يوللۇغ تېكىن يازدىم. بۇنچە كۆپ قۇرۇلۇش، ئېسىل)؟( .... بىلگە خاقاننىڭ جىيەن ئوغلى مەنكى يوللۇغ تېكىن بىر ئاي تۆت كۈن ئولتۇرۇپ يېزىپ چىقتىم، زىننەتلىدىم....) دېگەن سۆزلەرنى ۋە بىلىگە خاقاننىڭ خانلىق ھۆكۈمدارلىقىنى تىكلەش ۋە مۇستەھكەملەش يولىدا زور خىزمەت كۆرسەتكەن ئىنىسى كۆل تېكىننىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ۋاپاتىدىن (مىلادىنىڭ 731 - يىلى 47 يېشىدا ۋاپات بولغان) بىر يىل كېيىن ئورنىتىلغان «كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشى» نىڭ جەنۇب تەرىپى 13 - قۇردىكى: «بىتىدىم ئانى كۆرۈپ ئانچە بىلىك ئول تاش ...دىم. بۇ بىتىگ بىتىگمە ئاتىسى يوللۇغ تېكىن» (مەنىسى: «يازدۇردۇم، ئۇنى كۆرۈپ بىلىۋېلىڭلار، ئۇ تاش ..... مەن ..... دىم. بۇ مەڭگۈ تاشقا خەت يازغۇچى جىيەن ئوغلى يوللۇغ تېكىن») دېگەن سۆزلەرنى ھەمدە كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىدىكى يۇقىرىغا ئوخشاش بايانلارنى ئوقۇغىنىمىزدا بۇ ئىككى مەڭگۈ تاش تېكىستىنىڭ بىلگە خاقاننىڭ ئېيتىپ بېرىشى بىلەن، ئۇنىڭ جىيەن ئوغلى يوللۇغ تېكىن تەرىپىدىن، بىلگە خاقان تىلىدا يېزىپ چىقىلغانلىقىنى، شۇنداقلا، يەنە يوللۇغ تېكىن تەرىپىدىن مەڭگۈ تاشلارغا ھۆسن خەت قىلىنىپ، نەقىشلىنىپ يېزىپ چىقىلغانلىقىنى بىلىمىز. بىلگە خاقان، كۆل تېكىن مەڭگۈ تاشلىرى خۇددى تونيۇقۇق مەڭگۈ تېشىغا ئوخشاشلا شۇ رېئاللىقتىن گۇۋاھلىق بەرگۈچى مۇھىم تارىخىي ھۆججەت بولۇپلا قالماي، شۇ دەۋر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ زور قىممەتكە ئىگە. ئۇ بىزگە قەدىمكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋرۇر ئېلېمېنتلىرىنى ئايرىپ چىقىپ، بىزنىڭ ئەنە شۇ مەزگىلدىكى يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە روشەن چۈشەنچىگە كېلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. مەڭگۈ تاش تېكىستلىرى شۇ دەۋردىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئەل ئەدەبىيات ئەنئەنىلىرىنى ئۆزىدە تولۇق ئەكس ئەتتۈرگەن، ھەم قەھرىمانلىق داستانلىرى، ئەدەبىي تەزكىرە، ھەم نەسىر، ھەم شېئىر خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان بىر خىل ئالاھىدە بەدىئىي شەكىلدۇر. كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشىدىن ئېلىنىپ شېئىرىي تۈسكە كىرگۈزۈلگەن تۆۋەندىكى قۇرلار بۇ پىكىرنىڭ مەلۇم ئىسپاتى بولالايدۇ: ئۆتۈكەن يىل ئولۇرۇپ، ئارقۇ، تىركىش ئوسەر. نەڭ بوڭۇغ يوق، ئۆتۈكەن يىش ئولۇرسەر. مەنىسى: ئۆتۈكەن يېرىڭ بولسا، پەقەت كارۋان جۈنەتسەڭ. قايغۇ - غېمىڭ بولماس، ئۆتۈكەن تېغىدا تۇرساڭ. يوللۇغ تېكىننىڭ توغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مالۇمات يوق. لېكىن ئۇ يازغان ئىككى مەڭگۈ تاش تېكىستىدىن بىز ئۇنىڭ 8 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يوللۇغ تېكىن | UyghurWiki | UyghurWiki