UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئىبراھىم مەشھۇرى

ئىبراھىم مەشھۇرى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى 1983 - يىلى ئۆكتەبردە يەكەندىن بىر قول يازما غەزەللەر توپلىمىنىڭ تېپىلىشى بىلەن ئىبراھىم مەشھۇرىنىڭ نامى مەلۇم بولدى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقات قولغا ئېلىندى. شائىرنىڭ «دىۋان مەشھۇرى» دەپ نام بېرىلگەن غەزەللەر توپلىمىدىن ئۇنىڭ يەكەنلىك شائىر ئىكەنلىكى نامەلۇم. دىۋاندا بېرىلگەن شائىرنىڭ يەكەن ھاكىمى ئېزىز بەگكە ئاتاپ يازغان مەرسىيىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ 19 - ئەسىرنىڭ 30 -، 40 - يىللىرى مۇھەممەد ئېزىز ھاكىمبەگ يەكەن ۋە خوتەنلەردە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە، يەنى، 19 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يەكەندە ياشاپ ئىجاد ئەتكەن شائىرلادىن بىرى دەپ ئېيتالايمىز. ئىبراھىم مەشھۇرىنىڭ دىۋانى 205 غەزەل، ئۈچ مۇخەممەس، بىر مۇسەددەس، ئىككى تەرجىئبەند، ئىككى مەرسىيە ۋە بىر مۇناجاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي 3960 مىسرادىن تۈزۈلگەن، شائىر ئۆز شېئىرلىرىدا ئاجايىپ گۈزەل لىرىك مىسرالار ئارقىلىق ساپ مۇھەببەتنى كۈيلەپ، ئۆزىنىڭ ئەركىن مۇھەببەت كۆز قارىشىنى شۇ دەۋردىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ئىچىگە قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ فېئودالىزمغا قارشى دېموكراتىك تەلىپىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئىبراھىم مەشھۇرى دىۋانىدا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىي تىلىنى پىششىق بىلگەن، ئابدۇرەھمان جامى، ئەلىشىر نەۋائى، سەككاكى قاتارلىق سۆز ئۇستلىرىدىن ئەستايىدىل ئۆگەنگەن يېتۈك لىرىك شائىر سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ، ئىبراھىم مەشھۇر ئۆز شېئىرلىرىنى ئاجايىپ كۆركەم مەنا ۋە سۆز ئۈنچىلىرى بىلەن بېزىگەن ماھىر سەنئەتكاردۇر. ئۇ شېئىرلىرىدا جامى، نەۋائى ۋە فۇزۇلىلارغا تەقلىد قىلىدۇ، مۇشائىرە قىلىدۇ ۋە بەھس قىلىدۇ. شائىر شېئىرلىرىدىن ئۇنىڭ ئۆز زامانىسىغا بولغان نارازىلىقىنى، ئىچ پۇشۇقىنى كۆرىمىز. ئۇ رىياكار سوپىلار، بېخىل بايلار، تاماخور سەللىلىكلەر، جاھىل مۇتەئەسسىپلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. شائىر ئۆزىنىڭ زامانىدىن خوۋلۇق كۆرمەي، يۇقىرىقىدەك ئەزگۈچى، تەييارتاپلار تەبىقىسىدىن نەپرەتلىنىپ جاھانگەشتە _ سەرگەندانلىق، غۇربەتچىلىك ئىچىدە ھايات كەچۈرگەنلىكىنى، قەلەمنى ئۆزىگە ئاشىنا تۇتۇپ دەردىنى تۆككەنلىكىنى ئۆز شېئىرلىرىدا ئىپادە قىلىدۇ
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى