قۇربان ئىمىن
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە ژۇرنالىست قۇربان ئىمىن (تەخەللۇسى - شوخ ئەركىن) 1914 - يىل 1 - ئايدا قەشقەر شەھىرىدە كىچىك تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1922 - يىلدىن تارتىپ دەسلەپ دىنىي مەكتەپتە، كېيىنچە پەننى مەكتەپتە ئوقۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە بولغان، 1935 - يىلدىن باشلاپ بىر مەزگىل باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، 1939 - يىلى ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن، 1942 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئاقسۇ، قەشقەردە ئوقۇتقۇچى، 1947 - يىلدىن 1948 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە <قەشقەر - شىنجاڭ گېزىتى> دە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. قۇربان ئىمىن 1949 - يىل 10 - ئايدىن 1979 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى قاتارلىق ئورۇنلاردا، 1980 - يىلدىن باشلاپ <قەشقەر ئەدەبىياتى> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، 1992 - يىل 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى قەشقەر شەھىرىدە ۋاپات بولغان.
قۇربان ئىمىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1937 - يىلى <قەشقەر - شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <ئەدەبىيات> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ <ئالغا باس، ياشلار>، <بولماس> قاتارلىق نەچچە يۈز پارچە شېئىر، ئون نەچچە داستان ۋە نۇرغۇن ناخشا تېكىستلىرىنى يېزىپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلىرىمىزنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
قۇربان ئىمىن شېئىر ئىجادىيىتى بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماي، بەلكى ئەدەبىياتنىڭ باشقا ساھەلىرىدىمۇ قەلەم تەۋرەتكەن. ئۇ، 40 - يىللاردىن تارتىپلا <گۈلقىز>، <ئىبرەت>، <شەرەپ> قاتارلىق ھېكايىلارنى؛ <گۈلدەستە>، <گۈلى قەھقەھ>، <نەسرىدىن ئەپەندى ئالدىراش>، <توي> قاتارلىق درامىلارنى يېزىپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. ئۇ يەنە ئەدەبىيات مەسىلىلىرى، ئۆزى ۋە زامانداشلىرىنىڭ ئەدەبىي ھاياتى ھەققىدە ماقالە، ئەسلىمىلەرنى يازغان.
قۇربان ئىمىن ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن ژۇرنالسىت. ئۇ، ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئەدەبىي ژۇرنال - <قەشقەر ئەدەبىياتى> نى تەسىس قىلىشتا ئالاھىدە توھپە قوشقان، ئۇنىڭ تۇنجى سانلىرىنى ئۆزى باش بولۇپ ئىشلەپ چىققان.
قۇربان ئىمىن 50 - يىللاردىن تارتىپلا مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا كۆپ قېتىم قاتناشقان، ئەسەرلىرىمۇ مۇكاپاتلانغان، ئۆزىمۇ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان.
قۇربان ئىمىننىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <تارىم غەزەللىرى> (1978 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <قەشقەر ئاۋازى> (1981 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <تاغ سۇلىرى> (ئابدۇرېھىم توختى بىلەن بىللە، 1993 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق شېئىر توپلاملىرى بار. ئۇنىڭ بەزى شېئىرلىرى <توي>، <ئاق بۇژغۇن> قاتارلىق ئون نەچچە كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.