قادىر ھاجى تۇڭلۇڭ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
قادىر ھاجى 1840 - يىلى توقسۇن ناھىيىسىدە تۇغۇلىدۇ. ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن 17 ياشقىچە (1858 - يىلىغىچە) قۇمۇلدىكى خانلىق مەكتەپ «شۆتاڭ»دا خەنزۇچە ئوقۇيدۇ. 1860 - يىلغىچە تۇرپان يامۇلىدا تۇڭچى (تەرجىمان) بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ تەرجىمە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۇرپان ئامبىلىنىڭ كۆزىگە چۈشىدۇ، نەتىجىدە تۇرپان ئامبىلى ئۇنى توقسۇندىكى ئاتىسى ھوشۇر جەڭگىنىڭ ئورنىغا جەڭگىلىك خىزمىتىنى ئۆتەشكە ئەۋەتىدۇ. ئۇ توقسۇنغا كەلگەندىن كېيىن توقسۇن تۇرپانغا تاپشۇرىدىغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە باشقا باج - سېلىقلارنى ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ، تۇرپان ئامبىلىنىڭ مەدھىيىسىگە ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ خەلقنىڭ ئارزۇ - تەلەپلىرىگە ئاساسەن توقسۇننىڭ ئېقىن سۇلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن جايلاردا يېڭى ئېرىق - ئۆستەڭلەر چاپتۇرۇپ سۇ باشلاپ، بىنەم يەرلەرنى خەلقق بۆلۈپ بېرىدۇ. ھەر قايسى مەھەللىلەردە مەسچىت، مەدرىسلەر بىنا قىلىپ، باشقا جايلاردىن بىلىملىك موللا - ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، توقسۇندا مىللى مائارىپىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالىدۇ. ئېقىن سۇلارغا تۈگمەن ۋە سۇكۈچى بىلەن ئايلىنىدىغان، پاختىنىڭ چىگىتىنى ئايرىيدىغان چىغىرىق (پاختا زاۋۇتى) قۇرىدۇ. ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن قادىر جەڭگى شەھەر كۆرۈش ئارقىلىق تەجرىبە ئۆگىنش ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئسىتىپا بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراپ يۈزلىنىدۇ. ئۇ ھەر بىر شەھەرلەرگە بارغاندا ئۇ يەرلەردىكى يېڭلىقلارنى ئۆگىنىدۇ. قەشقەردە قەشقەر ئامبىلىنىڭ كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ ۋە قەشقەر دوتىيى ئۇنى قەشقەردە قېلىپ ئىككى يىل خىزمەت قىلىپ، قەشقەرنىڭ ئىلىم - ئېرپان، ھىدايەت ۋە مەرىپەت يوللىرىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ توقسۇنغا قايتىپ كېلىپ ھىدايەت يولىغا مېڭىشقا بەل باغلاپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بوشىنىپ، مۇستەقىل ھايات كەچۈرۈشكە باشلايدۇ. نەتىجىدە ئۇ ھەج تاۋاب قىلىدۇ. ھەج تاۋاپتىن كېيىن ئۆز ئىقتىسادى بىلەن ئۈرۈمچى نەنسەندە ياغاچچىلىق (تاختاي تىلىش) كارخانىسى قۇرىدۇ.
ئۇزاق ئۆتمەي شىنخەي ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ، شىنجاڭدىكى چىڭ سۇلالسىنىڭ ھاكىمىيىتى ئېلىپ تاشلىنىپ، ياڭ زېڭشىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدۇ. بۇ چاغدا بېيجىڭدا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئېلىپ بېرىلىش ئالدىدا تۇراتتى، شىنجاڭدىنمۇ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋەكىل ئەۋەتىش يارلىقى كېلىدۇ. قادىر جەڭگى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا باشقا ۋەكىللەر قاتارىدا شىنجاڭ ۋەكىلى بولۇپ بارىدۇ. شىنجاڭ ۋەكىللىرى يۈەن شىكەينىڭ زۇڭتۇڭ بولۇشنى قوللاپ بېلەت تاشلايدۇ. شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ بۇ ئىشىدىن رازى بولغان يۈەن شىكەي قادىر ھاجىنى ئالاقىدە قوبۇل قىلىپ قىز سوۋغا قىلىدۇ ھەمدە ئەمەلدارلىق (كەنجازە نىمچە) كىيىمى ۋە باشقا بۇيۇملار بىلەن تارتۇقلايدۇ. قادىر ھاجى مىنگونىڭ 3 - يىلى (مىلادىيە 1914 - يىلى) 12 - ئايدا شىنجاڭغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندە ياڭ زېڭشىن ئۇنى قوبۇل قىلىپ ئەھۋاللىشىدۇ. قادىر قەدىمىي شەھەر كۇچاردا ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتى ئۇنى كۇچارغا تۇڭلىڭ يەنى ھەربىي مەمۇرىي ئەلدار قىلىپ بەلگىلەيدۇ. ئۇ كۇچاردا 1914 - يىلىدىن 1930 - يىلغىچە ھەربىي مەمۇرىي ئەمەلدار بولۇپ ئىشلەيدۇ.
قادىر ھاجى كۇچارغا ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدار بولۇپ كەلگەندە، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ خەلققە سالغان سېلىقلىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى سېزىدۇ، بۇ توغرىدا خەلق ئاممىسىمۇ ئۇنىڭغا يازما ياكى ئاغزاكى شىكايەت قىلىدۇ. ئۇ خەلقنىڭ تەلىپى بويىچە ھەرخىل باج - سېلىقلارنى يەڭگىللىتىدۇ. پارىخور، خىيانەتچىلىككە قارشى چارە - تەدبىرلەرنى بېكىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئەپيۇن، نەشە چېكىش، زىناخورلۇق، قىمارۋازلىق، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ خەلققە زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىشتەك قىلمىشلارغا كۆرۈلىدىغان جازا تەدبىرلەرنى تۈزۈپ يېزىپ، كوچىلارغا چاپلاپ ئېلان قىلىدۇ. خەلقنىڭ قان قەرزىگە بوغۇلغان زاھىت توغرىسىدىكى خەلق پىكرىنى ئۆلكىگە مەلۇم قىلىپ، ئۇنىڭغا خەلق ئالدىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ خەلقنى رازى قىلىدۇ. يېڭى مەكتەپ ئېچىپ ئالدى بىلەن ئۆز ئوغلىنى مەكتەپكە بېرىدۇ. بۇ ھالنى كۆرگەن خەلق بالىلىرىىنى يېڭى مەكتەپكە بېرىدۇ. نەتىجىدە كۇچار دىيارىدا يېڭى مەكتەپتە ئوقۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇ يەنە كۇچار چوڭ ئۆستەڭ كۆۋرۈكىنى يېڭىدىن سالدۇرىدۇ. يېڭى شەھەر بازىرىنى پىلانلاپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ كۇچار بازىرىنىڭ كېيىنكى ئىستىقبالىنى نەزەرگە ئېلىپ، پىچان، لۈكچۈندىن بىر قانچە كارىزچى ئۇستىلارنى تەكلىپ قىلىپ، ھازىرقى كۇچار يېڭى بازىرىنىڭ ئۈستۈنكى ساقاغۇ بېشىدىن باشلاپ كارىز چېپىپ، كۇچاردا كارىز بەرپا قىلىدۇ. بۇ كارىزنىڭ سۈيىدە ئىككى تاشلىق تۈگمەن چۆرگىلەش بىلەن بىرگە ئېتىز - ئېرىق، باغلار ۋە رەستىلەر سۇغىرىلىدۇ. يېڭىدىن سالغان رەستىنىڭ ئىككى قاسنىقىغا سودا دۇكانلىرى، مەكتەپ، مەدرىسەلەر بىنا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يېڭى بازارغا جايلاردىن كەلگەن سودىگەرلەر، شەھەردىكى ئۇششاق تىجارەتچىلەر كۆچۈپ كېلىپ تېخىمۇ ئاۋاتلىشىدۇ.
ياڭ زېڭىشىنىنىڭ كېيىنكى دەۋرلىرىدە ئۇنىڭ زۇلمى ئېغىرلشىپ، قۇمۇل، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا خەلق قوزغىلاڭلىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ چاغدا قادىر ھاجى ياشىنىپ قالغانلىقتىن ئۆلكىگە ئىلتىماس قىلىپ، خىزمەتتىن ئىستېپا سورايدۇ، ئەمما ياڭ زېڭشىن قادىر ھاجىنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلماي تۇرپانغا يۆتكەپ، تۇرپاننىڭ تۇڭلۇڭى قىلىپ بەلگىلەيدۇ. قادىر ھاجى بۇ يەردە بىر يىلدەك ئىشلىگەندىن كېيىن ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ. شۇ چاغدا ياڭ زېڭشىن قادىر ھاجىنىڭ دەم ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىپ، ئۇنىڭغا 72 ئېغىرلىق ئىمارەت (داچا) سېلىپ بېرىدۇ. قادىر ھاجى 1932 - يىلى 92 - يېشىدا توقسۇندا ئالەمدىن ئۆتىدۇ.