UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىروزى ھوشۇر

روزى ھوشۇر

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى روزى ھوشۇر 1939 - يىل 7 - ئايدا مەكىت ناھىيسىنىڭ يانتاق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1945 - يىلدىن 1955 - يىلغىچە ئۆز يۇرتىدا باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يېزىسىدا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان؛ 1957 - يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئەسكەر ۋە كېيىنچە ئوفېتسىر، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي خادىم بولۇپ ئىشلىگەن. مۇشۇ جەرياندا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى سىياسىي ئىنىستىتۇتى، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇغان ۋە بىلىم ئاشۇرغان. روزى ھوشۇر ھازىر شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. روزى ھوشۇرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1964 - يىلى باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن بېرى ئىزچىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەربىي تېمىدىكى ھېكايە ئىجادىيىتىدە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ <يىرتىلغان ئۆتۈك>، <قوشۇندىن ئايرىلىش>، <يايرىغان كۆڭۈل>، <سەنئەتچى ئەسكەرلەر>، <تۆۋەنگە چۈشكەن تۇەنجاڭ>، <ئىنكاس قوزغىغان ھېكايە>، <شانلىق ئىزلار> قاتارلىق ھېكايىلىرى بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. ئۇنىڭ ھېكايىلىرى ئاساسەن جەڭچىلەرنىڭ تۇرمۇشى، كۆرەشلىرىگە بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار ھاياتى ۋە روھىي دۇنياسى خېلى چوڭقۇر ئىپادىلەنگەن. روزى ھوشۇرنىڭ <يايرىغان كۆڭۈل> ناملىق ھېكايىلار توپلىمى 1992 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، يەنە بىر قىسىم ھېكايىلىرى <ئىز بېسىش> ناملىق كوللېكتىپ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. روزى ھوشۇر ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
روزى ھوشۇر | UyghurWiki | UyghurWiki