تەجەللى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئەينى زاماندىكى رېئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە بولغان ئىنتىلىش ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، فېئوداللىق ئاسارەت، دىنىي خۇراپات ۋە قاششاقلىقنى تەنقىد قىلىپ، ئىلىم - مەرىپەتنى تەشەببۇس قىلىدىغان يېڭى بىر ئېقىم پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ خىل مەرىپەتپەرۋەرلىك پىكىر ئېقىمى دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە راۋاجلىنىشىغا ئاساس سېلىپ بەردى. ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى ئىككى دەۋرنى، يەنى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى بىر - بىرىگە باغلاپ تۇرغۇچى مەرىپەتپەرۋەر شائىرلارنىڭ بىرسى تەجەللىدۇر.
شائىرنىڭ ئىسمى ھۈسەيىن بولۇپ، ئۇ 1850 - يىلى قاغىلىق ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن. شائىرنىڭ دادىسى مەلۇماتلىق تېۋىپ بولغاچقا، ئوغلىنى ئۆز ئىشىنىڭ ۋارىسى قىلىش نىيىتىدە كىچىكىدىن تارتىپ تەربىيىلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. ھۈسەيىن ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىدە ساۋاتىنى مەدرىسىدە ئوقۇتقان. شائىر تىببىي ئىلىم ۋە خىمىيە ئېلىپ بېرىپ، دېھلى مەدرىسىدە ئوقۇۋاتقان. شائىر تىببىي ئىلىم ۋە خىمىيە پەنلىرىدىن سىرت ئەرەب، پارس، ھىندى تىللىرىنىمۇ مۇكەممەل ئۆگەنگەن. ھۈسەيىن (تەجەللى) مەدرىسنى تۈگەتكەندىن كېيىن، دېھلى، كابۇل، شەھەرلىرىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ، تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ،ئۆز بىلىمىنى ئاشۇرغان، كېيىن قاغىلىققا قايىتىپ كېلىپ، تېۋىپلىق ۋە قوشۇمچە مۇددەرىسلىك قىلغان، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.
ھۈسەيىنخان مەشھۇر تېۋىپ بولۇش بىلەن بىللە يېتىلگەن لىرىك شائىر ئىدى. ئۇ كىچىكىدىنلا ئەدەبىياتقا ھەۋەس باغلىغان. ئىجادىيەت مەشقى ئېلىپ بارغان. شائىرنىڭ بىر مۇنچە تىللارنى مۇكەممەل بىلگەنلىكى ئۇنى شەرق ئەدەبىياتى بىلەن، يەنى پارس، ئەرەب، ھىندى ئەدەبىياتى كلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇش، تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۆز ئىجادىيىتىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشتە كاتتا ئاساس بولغان. شائىرنىڭ تەجەللى تەخەللۇسى بىلەن يازغان شېئىرلىرى ناھايىتى تېزلا شىنجاڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستانلارغا تارىلىپ، شائىر ئۈچۈن چوڭ شۆھرەت ئېلىپ كەلگەن.
ھۈسەيىنخان تەجەللى كۆپ تىللىق شائىر ئىدى. ئۇ پەقەت ئۇيغۇر تىلىدىلا ئەمەس، بەلكى پارس، ئەرەب، ھىندى تىللىرىدىمۇ شېئىر يېزىشتا يۈكسەك ماھارىتىنى نامايان قىلغان. بۇ جەھەتتە ئۇ ئاشۇ مىللەتلەرنىڭ شائىرلىرىدىن قېلىشمايتتى.
تەجەللىنىڭ تۈرك تىلدا يازغان بىر قىسىم شېئىرلىرى 1899 - يىلى «بەرق تەجەللى ۋە سەبەق مۇجەللى» نامى بىلەن قەشقەردە چاپى قىلىنغان، شائىرنىڭ خەلق ئىچىگە تارىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر تىلىدىكى شېئىرلىرىدىن بىر قىسمى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇلغارىيىدە «دىۋانچەئى تەجەللى» نامىدا نەشىر قىلىنغان. شائىرنىڭ ئۇيغۇر، پارس تىلىدىكى يەنە بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈزۈلگەن ھەر خىل «باياز»لارغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ھال شائىر ئىجادىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى نامايىش قىلىدۇ.
ھۈسەيىنخان تەجەللى 1930 - يىلى قاغىلىقتا ۋاپات بولغان، شائىرنىڭ قەبرىسى ھازىرغىچە قاغىلىقتا كىشىلەرنىڭ شائىرغا بولغان ھۆرمەت ئېھتىرامىنى ئىپادە قىلىدىغان زىيارەتگاھ سۈپىتىدە ساقلانماقتا.
تەجەللىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى غەزەل، قەسىدىلىرى، ئەينى زامان ئەدەبىياتىمىزنىڭ ياخشى ئۈلگىسىدۇر. شائىر ئۆز ئىجادىيىتىدە ئىدىيە جەھەتتىن، شۇ دەۋرنىڭ رېئاللىقىنى، يەنى فېئوداللىق ئاسارەت، دىنىي خۇراپات، خەلق بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇم - زەخمەت، جاپا - مۇشەققەتنى پاش قىلىش پوزىتىسيىسىدە بولۇپ، فېئودالىزىمغا بولغان نارازىلىقىنى چوڭقۇر ئىپادىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە بىر مەرىپەتپەرۋەر ئالىم سۈپىتىدە، ئىلىم - مەرىپەتنى تەرغىپ قىلدى، خەلقنىڭ يورۇقلۇققا ئىنتىلىش ئىستىكىنى ئەكس ئەتتۈردى. بەدىئىي جەھەتتە بولسا، كلاسسىك ئەنئەنىلەرگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى راۋاجلاندۇردى ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتتى، بولۇپمۇ شائىرنىڭ قەسىدە ژانىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.
تەجەللىنىڭ پۈتۈن ئىجادىي مىراسى تېخى ھەر تەرەپلىمە تولۇقى بىلەن تەتقىق قىلىنمىدى. بۇ ئەدەبىياتشۇناسلىرىمىز ئالدىدىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرىسىدۇر.
(«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1987 - يىل 5 - سانىدىكى ئابدۇشۈكۈر تۇردى تەييارلىغان شۇ ناملىق ماقالىگە ئاساسلىنىپ يېزىلىدى)