قاسىم تاش ھاجىم
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
قاسىم تاش ھاجىم 1899 - يىلى تاشمىلىق بازىرىدە تەرەققىيپەرۋەر تاش بەگ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ، ئائىلە تەربىيىسىنى ئالغاندىن كېيىن تاشمىلىق باشلانغۇچ كونا مەكتەپتە، كېيىن 1913 - يىلى تاشمىلىقتا قۇرۇلغان تۇنجى يېڭى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. بۇ شىنجاڭدا ياڭ زېڭشىن ھاكىمىيەت بېشىغا يېڭى چىققان ۋاقىت ئىدى. مۇشۇ مەزگىلدە ئەنگىلىيە دەللاللىرىنىڭ قەشقەر شەھەر ۋە شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدىن نەچچە ئونلىغان ياش ئوغۇل - قىزلارنى ئالداپ تاشمىلىق ئارقىلىق ھىندىستانغا ئېلىپ مېڭىش ۋەقەسى يۈز بېرىدۇ. قاسىم ھاجىمنىڭ دادىسى تاش بەگ بۇ ۋەقەنى بىلگەندىن كېيىن توسۇپ قويىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئېلىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلمايدۇ. قەشقەردىكى ئىلغار پىكىرلىك ئۇيغۇرلار بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ چوڭ غۇلغۇلا ۋە نامايىش خاراكتېرلىك نارازىلىق ئارقىلىق بۇلارنى توسۇپ قالىدۇ. ئۆز ئائىلىسىدىن قوزغۇلۇۋاتقان جاھانگىرلىككە قارشى بۇ ھەرىكەت قاسىم تاش ھاجىمغا چوڭ ساۋاق - دەرسلىك بولىدۇ...
1917 - يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىي غەلىبە قىلىش بىلەن شىنجاڭنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنى قوللاش نامايىشى (بۇ ھەقتە 1988 - يىلى 19 - مارت <شىنجاڭ گېزىتى> ئۇيغۇرچە 3 - بەتكە <ماركىزمنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشى> دېگەن ماقالىغا قارالسۇن). ۋە <ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى> نىڭ شۆبىسى قۇرۇلىدۇ.(شۇ يىللاردا شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا بولشىۋېكلار رەھبەرلىك قىلغان ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپكى شۆبىسىنى قۇرغان. سوۋېت ئىتتىپاقى <تارىخ مەسىللىرى> ئايلىق ژۇرنالنىڭ 1982 - يىلى 10 - ساندىكى ئا.ئا ھاكىمبايوۋ: <ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ شىنجاڭغا تەسىرى )20 - 30 - يىللار>. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسى يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيىتى نەتىجىسىدە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە ھۇل سېلىنىدۇ.
مۇشۇ بىر قاتار ھەرىكەتلەر شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر قاتارىدا قاسىم تاش ھاجىمنىمۇ ئويغۇتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ، دادىسى تاش بەگ ۋە باشقا ئىلغار پىكىرلىك كىشلەرنىڭ باشلامچىلىقىدا ئىلغار ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىدۇ.
1931 - يىلى پارتىلىغان قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ شىددەتلىك زەربىسىدىن جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى لىڭشىپ قالدى، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شېڭ شىسەي <12 - ئاپرېل> سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوزغاپ تەختكە چىقتى. ئۇ ساختا <سوتسىيالىزىم>، <كوممۇنىزىم> نىقابى بىلەن بەزى ئىلغار سىياسەتلەرنى يولغا قويىدۇ.
1934 - يلىدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشمىلىرى ئالدى - ئاخىر بولۇپ قۇرۇلۇشقا باشلىدى. بۇ مەزگىلدە قاسىم تاش ھاجىم تاشمىلىق، بۇلاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر شۆبە ئۇيۇشما رەئىسى ۋە قوشۇمچە بەگ بولۇپ سايلاندى.
1937 - يىلى قاسىم ھاجىم قەشقەرنىڭ مۇۋەققەت ۋالىيسى ئابدىكېرىمخان مەخسۇمنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئويتاغ ئەتراپىدىكى موخ جىلغىسىدا ئەنگىلىيە پوچتىلىرىنىڭ شىنجاڭدىن ئېلىپ ماڭغان ئاسارە - ئەتىقە ۋە ئاخباراتلىرىنى تارتىۋالىدۇ.
1939 - يىلى قاسىم تاش ھاجىم ئاتۇش ناھىيىسىگە (شۇ چاغدا ئاتۇش يېرىم ناھىيە ئىدى) ھاكىم بولىدۇ.
1942 - يىلى شېڭ شىسەي ئىلغارلىق نىقاۋىنى يىرتىپ تاشلاپ، كوممۇنىستلاردىن يۈز ئۆرىگەندىن كېيىن شىنجاڭدا چىڭ تىيەنچۇ، ماۋزېمىن باشلىق جۇڭگو كوممۇنىستلار پارتىيىسى ئەزالىرى ۋە قەشقەردىكى ئابدىكىرىمخان مەخسۇم قاتارلىق بىر بۆلۈك <ئازادلىق تەشكىلات> ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلغاندا، قاسىم تاش ھاجىممۇ تۇتقۇن قىلىنىپ ئۈرۈمچى شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە 1944 - يىل 11 - ئايغىچە ياتىدۇ.
1945 - يىلى 2 - ئايدىن باشلاپ قاسىم تاش ھاجىم قەشقەردە تاشقورغان مىللىي ئىنقىلابىغا ھازىرلىق كۆرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئوپال، تاشمىلىق، بۇلاقسۇ، ئاقتۇ، ئويتاغ، توققۇزاق قاتارلىق جايلاردا ھەرىكەت قىلىدۇ. ھەربىي ئاخبارات توپلايدۇ. قەشقەردىكى يەرلىك تەشكىلات بىلەن تاشقورغان تاغلىرىدا ھەرىكەت قىلغۇچى قوراللىق قوشۇن ئوتتۇرىسىدا ئالاقىچىلىق قىلىدۇ.
1945 - يىلى 6 -، 7 - ئايلاردا، تاشمىلىقنىڭ سابىق بېگى ئەمەت بەگ قاسىم تاش ھاجىمنىڭ ھەرىكىتىنى پايلاپ يۈرۈپ ئاخىر ئۇنى گومىنداڭغا تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى بۇلاپ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بېرىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ قەشقەردىكى يەرلىك ئىنقىلابىي تەشكىلاتنىڭ ياردىمى بىلەن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ قولىدىن قۇتۇلىدۇ. كېيىن ئۇ تاشقورغان پارتىزانلىرىغا قوشۇلىدۇ.
قاسىم تاش ھاجىم تاشقورغانغا بارغاندىن كېيىن ئويتاغدىكى ئۇيغۇر پولكىنى تولۇقلاش ۋە يېڭىدىن قۇرۇش ئىشىنى ئىشلەۋاتقان ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى باش شىتابىغا چاقىرتىلىپ، ئارقا سەپ تەمىنات مەسئۇلى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ.
<11 بېتىم> تۈزۈلگەن مەزگىلدە، ئۇ قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئىنقىلابچىل ياشلار سېپىدە مۇھىم خىزمەتلەرنى ئۆتىدى.
1947 - يىلى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى گومىنداڭ ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈپ جەنۇبىي شىنجاڭ ياشلىرىنى قولغا ئالغاندا، ئۇمۇ قەشقەردە قولغا ئېلىنىپ تاكى 1949 - يىلى شىنجاڭ ئازاد بولغانغا قەدەر تۈرمىدە ياتتى.
1950 - يىلى خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنى يوپۇرغا ناھىيىسىگە ھاكىم قىلىپ بەلگىلىدى.
1954 - يىلى ئۇ قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمىسىگە يۆتكىلىپ ۋالىي مەھكىمىسى خەلق ئىشلار بۆلۈمىدە بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى.
1960 - يىلى، ئۇ قەشقەر شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دائىمىي ھەيئىتى بولۇپ ئىشلىدى. 1984 - يىلى، ئۇ قەشقەر شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە دائىمىي ھەيئىتى بولۇپ ئىشلىدى. 1984 ـ يىلى ئۇ دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ، شۇ يىلى سايلامدا ۋەكىللەر ئۇنى يەنىلا قەشقەر شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا سايلىدى. 1985 - يىلى ئۇ خىزمەتتىن ئايرىلىپ دەم ئېلىشقا چىقتى. 1991 - يىلى 7 - ئايدا ۋاپات بولدى.